باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2014-يىللىق مەملىكەتلىك ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا شىنجاڭدا 41 ئادەمنىڭ ئىمتىھان تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىنغانلىقى ئېنىقلاندى

2014.01.08 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىرلىق ئاسپىرانتلىقى بويىچە 4-يانۋاردىن 6-يانۋارغىچە بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىندى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئىمتىھان ئېلىنىۋاتقاندا، شىنجاڭدا 41 ئادەمنىڭ ئىمتىھان تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئېنىقلاندى، سىرتتىن كۆچۈرمىچىلىك قىلغان بەش ئادەم تۇتۇلۇپ قالدى. بۇ قېتىمقى ئىمتىھانغا شىنجاڭ بويىچە جەمئىي 18 مىڭ 225 ئادەم تىزىملىنىپ، 11 ئىمتىھان رايونىغا، 17 ئىمتىھان نۇقتىسىغا، 584 ئىمتىھان مەيدانىغا بۆلۈنگەن.

  شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىلقى ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا «بىر سوئالغان كۆپ جاۋاب» بويىچە سوئاللىق ئىمتىھان ئېلىش دائىرىسى داۋاملىق كېڭەيگەن. بۇلتۇر «سىياسىي ـ ئىدىيەۋى نەزەرىيە»، «ئېنگلىزتىلى (1)»، ئېنگلىزتىلى (2)»، «باشقۇرۇش تۈرىدىكى ئۇنىۋېرسال ئىقتىدار» قاتارلىق تۆت دەرس تۈرىدە «بىر سوئالغا كۆپ جاۋاب» ئۈلگىسى بويىچە ئىمتىھان ئېلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇلۇش ئاساسىدا، مائارىپ مىنىستىرلىكى بۇ يىل يېڭىدىن قوشقان «ئۇنىۋېرسال غەرب تىبابىتى» ۋە «ئۇنىۋېرسال جۇڭگو تىبابىتى» دەرس تۈرلىرىدە «بىر سوئالغا كۆپ جاۋاب» ئۈلگىسى بويىچە ئىمتىھان ئۇيۇشتۇرۇپ، كۆچۈرمىچىلىك قىلىنىشتىن ساقلانغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر