باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى بەلگىلىمىدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ كوماندىروپكا خىراجىتىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى

كوماندىروپكا خىراجىتى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە ئاتچوت قىلىنمايدۇ

2014.01.07 18:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا «مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ كوماندىروپكا خىراجىتىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ كوماندىروپكا خىراجىتىنى باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى ۋە قېلىپلاشتۇردى. بۇ چارە بۇ يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.

  شەھەر ئىچىدىكى كۈنلۈك قاتناش خىراجىتى 80 يۈەن بولىدۇ

   شەھەر ئىچى قاتناش خىراجىتى دېگىنىمىز، خىزمەتچى خادىملار ھۆكۈمەت ئىشى ئۈچۈن كوماندىروپكىغا چىققان مەزگىلدىكى شەھەر ئىچى قاتناش خىراجىتىنى كۆرسىتىدۇ. شەھەر ئىچى قاتناش خىراجىتى كوماندىروپكىغا چىققان تەبىئىي (كالېنداردىكى) كۈن سانى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، كۈنىگە 80 يۈەن بولىدۇ. كوماندىروپكىغا چىققۇچىنى كۈتۈۋالغۇچى ئورۇن ياكى باشقا ئورۇن قاتناش قورالى بىلەن تەمىنلىگەن بولسا، كۈتۈۋالغۇچى ئورۇن ياكى باشقا ئورۇنغا مۇناسىۋەتلىك ھەقنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

  ياتاق پۇلى ئۆلچىمى رايونلار بويىچە ئايرىپ بېكىتىلدى

  چارىگە ئاساسەن، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە پىلانى ئايرىم شەھەرلىك مالىيە نازارىتى (ئىدارىسى) ئۆز جايىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسى، بازار باھاسى، ئىستېمال سەۋىيەسى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ ياتاق پۇلى ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مالىيە مىنىستىرلىقىغا دوكلات قىلىدۇ، مالىيە مىنىستىرلىقى بىرتۇتاش تەتقىق قىلىپ پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جايلارنىڭ تەكشۈرۈپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىدىن ئۆتكۈزىدۇ، ئاندىن مالىيە مىنىستىرلىقى بىرتۇتاش ئېلان قىلىپ، مەركەزدىكى ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچىلىرى شۇ رايونغا كوماندىروپكىغا چىققاندىكى ياتاق پۇلىنىڭ ئۆلچىمى قىلىىدۇ.

  كوماندىروپكا خىراجىتىنى تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇن ۋە كارخانىلارغا ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ

  كوماندىروپكىغا چىققۇچى چوقۇم بەلگىلىمىگە بويىچە خىراجەت قىلىشى، خىزمەتچى تەۋە ئورۇن خىراجەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇن، كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلارغا ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ؛ كۈتۈۋالغۇچى ئورۇنغا نورمال خىزمەت پائالىيىتىدىن باشقا تەلەپ قويۇشقا بولمايدۇ؛ كوماندىروپكا جەريانىدا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا ئۇيۇشتۇرۇلغان زىياپەت، ساياھەت ۋە خىزمەت ئېھتىياجىدىن بولمىغان ئېكسكۇرسىيەگە قاتنىشىشقا بولمايدۇ؛ سوۋغات، ھۆرمەت پۇلى ۋە يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلات قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. ( لىخۈي خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر