باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى قىيىنچىلىقى بار ئامما ئۈچۈن دەۋا ھەققىنى كېمەيتىپ تاپشۇرۇش، كىچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، كەچۈرۈم قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۈشىيەنىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى

2014.01.07 17:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەنىنى ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئەدلىيە خەلق ئۈچۈن بولۇش غايىسىنى ئۈنۈملۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ، ئىقتىساتتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىمۇ دەۋا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو ئاچقان ۋاقىتتا دەۋالاشقۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە سوراش ئارقىلىق دەۋا ھەققىنى كېمەيتىپ تاپشۇرۇش، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلىش شەرتىگە چۈشىدىغان دەۋالاشقۇچىلارغا دەۋا ھەققىنى كېمەيتىپ تاپشۇرۇش، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، كەچۈرۈم قىلىشقا ئائىت بەلگىلىمە ۋە دەۋا ھەققىنى كېمەيتىپ تاپشۇرۇش، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، كەچۈرۈم قىلىش ئىلتىماسى ، شەرتى قاتارلىقلارنى ئۇقتۇرۇپ ھەم ئاكتىپلىق بىلەن ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تەييارلىتىپ ، تەستىقلىتىش تەرتىپى بويىچە بېجىردى، بولۇپمۇ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش خىراجىتى، بېقىش خىراجىتى، نەپىقە پۇلى ، ئەمگەك ئىش ھەققى تەلەپ قىلىش ۋە جىسمانىي زىيان تۆلىمى ماجىرا دېلولىرىدا ئىقتىساتتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار دەۋالاشقۇچىلارغا مەزكۇر مەھكىمە دەۋا ھەققىنى كېمەيتىپ تاپشۇرۇش، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، كەچۈرۈم قىلىش ‹ يېشىل كارىدورى› ئېچىپ، نۇرغۇنلىغان دېلولاردا قانۇن بويىچە مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىپ، قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈمنىڭ ئىجراسىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى، قىيىنچىلىقى بار دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىنى ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك قوغداپ، دەۋالاشقان ئاممىغا قارىتا ماجىرانى بىر يولىلا ھەل قىلىدىغان ‹ تىز سۈرئەتلىق يول› ئېچىپ بەردى. 2013-يىلى مەزكۇر مەھكىمە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ دەۋا ھەققىنى كېمەيتىپ تاپشۇرۇش، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، كەچۈرۈم قىلىش دېلولىرىدىن 24 پارچىنى بېجىرىپ، كېمەيتىپ تاپشۇرغان، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرغان، كەچۈرۈم قىلىنغان دەۋا ھەققى 68976.39 يۈەنگە يەتتى .

  دەۋا ھەققىنى كېمەيتىپ تاپشۇرۇش، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، كەچۈرۈم قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ، ھەر تۈرلۈك ئاممىغا قولايلىق تەدبىرلەرنى ياخشىلاش ئارقىلىق قىيىنچىلىقى بار ئامما سوت مەھكىمىسىگە كېلىپ دەۋالىشىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان بولدى ، سوت مەھكىمىسىنىڭ ئامما قەلبىدىكى ئوبرازى تېخىمۇ يوقۇرى كۆتۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۈشيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلدى. (شايار سوت مەھكىمىسىدىن ئابلىكىم سادىق، چىن لىخۇا خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر