باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر تۈركۈم قانۇن – نىزاملار 1 – يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلدى

2014.01.08 13:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014 – يىلى 1 – يانۋاردىن باشلاپ، خەلق تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم يېڭى قانۇن – نىزاملار ۋە سىياسەت خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر يولغا قويۇلدى، بۇ پۇقرالارنى تېخىمۇ كۆپ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغۇسى.

  بالىلار لېفىتقا چىققاندا قۇرامىغا يەتكەنلەر ھەمراھ بولۇشى كېرەك

  ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالاھىدە ئەسلىھەلەر بىخەتەرلىكى قانۇنى›› 2014 – يىلى 1 – يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. بەلگىلىمە بويىچە، بالىلار لېفىتقا چىققاندا قۇرامىغا يەتكەنلەر ھەمراھ بولۇشى؛ ئاشپۇزۇل، ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى باكى تىزىمغا ئالدۇرۇلغان بولۇشى كېرەك.

  قانۇندا مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئالاھىدە ئەسلىھە بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماقلار مەكتەپ، يەسلى، ۋوگزال، پىرىستان، سودا ساراي، باغچا قاتارلىق جايلاردىكى ئالاھىدە ئەسلىھەلەرگە بىخەتەرلىك بويىچە نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشى، شۇنداقلا ئالاھىدە ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىپ تۇرۇشى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن ئىشلىتىش رەسمىيىتى قانۇن بويىچە بېجىرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ئالاھىدە ئەسلىھەگە قارىتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئارخىپى ۋە ئۇچۇر مەسلىھەتى سىستېمىسى ئورنىتىپ، ئاممىنىڭ سۈرۈشتە قىلىشىغا قولايلىق يارىتىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.

  سائەت 18دىن 24كىچە سۈنئىي ھەمراھلىق تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىدا مال سېتىش قىسقا ئېلانلىرىنى كۆرسىتىش مەنئى قىلىنىدۇ

  ئاخبارات – نەشرىيات رادىيو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ ‹‹سۈنئىي ھەمراھلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا كۆرسىتىلىدىغان تېلېۋىزىيەدە مال سېتىش قىسقا ئېلانلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››تا، 2014 – يىلى 1 – يانۋاردىن باشلاپ، ھەر كۈنى سائەت 18دىن 24كىچە(بېيجىڭ ۋاقتى) بولغان ئارىلىقتا تېلېۋىزىيەدە مال سېتىش قىسقا ئېلانلىرىنى كۆرسەتمەسلىك تەلەپ قىلىندى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تېلېۋىزىيەدە مال سېتىش قىسقا ئېلانلىرى كۆرسىتىلگەندە ئېكراننىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى بۇلۇڭىغا ‹‹ئېلان›› دېگەن خەت يېزىلىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆكسىنى چوڭايتىش، ئورۇقلىتىش مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلماسلىق كېرەك.

  سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ھۆججەتلىرى توردا ئاشكارا ئېلان قىلىنىپ، ئاممىنىڭ نازارىتى قوبۇل قىلىنىدۇ

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا ئېلان قىلغان ‹‹خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىنتېر تورىدا ھۆكۈم ھۆججەتلىرىنى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە››دە، 2014 – يىلى 1 – يانۋاردىن باشلاپ، دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە، شەخسلەر سىرىغا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە چېتىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەر، مۇرەسسە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىنغان دېلولار ھەم ئىنتېر تورىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدىغان تۆت خىل ئەھۋالدىن باشقا سوت مەھكىمىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ھۆكۈم ھۆججەتلىرى ئىنتېر تورىدا ئاشكارا ئېلان قىلىنىشى كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى يىغىنلىرىدا ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ

  مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا بىرلىكتە ئېلان قىلغان تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ‹‹ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى يىغىنى خىراجىتىنى باشقۇرۇش چارىسى››دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2014 – يىلى 1 – يانۋاردىن باشلاپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى يىغىنلىرىدا ۋەكىللەرنى ساياھەتكە ۋە يىغىنغا مۇناسىۋەتسىز ئېكسكۇرسىيەلەرگە ئۇيۇشتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛ يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش، چېنىقىش پائالىيەتلىرى قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ؛ ھەر قانداق نامدىكى خاتىرە بۇيۇملىرىنى تارقىتىش چەكلىنىدۇ.

  يېڭى چارىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يىغىن نامى بىلەن زىياپەت ئۆتكۈزۈش ياكى زىياپەتكە تەكلىپ قىلىش، يىغىن خىراجىتىدىن ‹‹كىچىك خەزىنە›› تەسىس قىلىۋېلىش، يىغىن خىراجىتىدىن ھۆكۈمەت كۈتۈۋېلىش خىراجىتى چىقىرىشنى قەتئىي مەنئى قىلىش؛ ئالىي يۈرۈشلۈك ياتاقلارنى ئورۇنلاشتۇرماسلىق، ئالاھىدە تائاملارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قەتئىي مەنئى قىلىش، زىياپەتكە تەكلىپ قىلماسلىق، ھاراق – تاماكا ئورۇنلاشتۇرماسلىق كېرەك. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر