«ئاتا ـ ئانىمىز» ناملىق بۇ فىلىم جۇڭگو مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان فىلىم بولۇپ، فىلىم قۇيۇلغاندىلا كېيىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا «بەش بىر قۇرۇلۇش مۇكاپاتى»، 16-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «فېيتيەن» مۇكاپاتى، 14-نۆۋەتلىك ئاۋام تېلېۋىزىيەسى «ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. فىلىم قېرىنداشلىق ۋە مۇھەببەتنى ئاساسىي تېما قىلىپ، ئاتا ـ بالا مۇھەببىتى، ئەر ـ ئايال مۇھەببىتى قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن ئاساستا راۋاجلانغان تەربىيەۋى ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور فىلىم بولۇپ قالغان.