باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

دۆلىتىمىزدە بۇندىن كېيىن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى باھالاشتا ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىگە قارىمايدۇ، باھالاش نەتىجىسى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ

2013.06.19 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى يۇقىرى بولسىلا ياخشى مەكتەپ ھېسابلىنامدۇ؟ بۇنىڭدىن كېيىن، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى باھالاشتا ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى ۋە نومۇر تەرتىپىگە قارالمايدۇ. تۈنۈگۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى ئۇنىۋېرسال باھالاش ئىسلاھاتى»نى باشلىدى، ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتە يېڭى باھالاش كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى، جىسمانىي، روھىي ۋە قىزىقىشى قاتارلىق تەرەپلەردىكى تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقى يەنە مەكتەپلەرنى باھالاش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  تۈنۈگۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي 2-باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جېن فۇجې تونۇشتۇرۇپ، ساپا مائارىپى تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرگەن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى باھالاش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، نوقۇل ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئىمتىھانى نەتىجىسى ۋە مەكتەپ ئۆرلەش نىسبىتىگە قاراپلا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ سۈپىتىگە باھا بېرىش ۋە «ئوقۇغۇچىلارنى باھالاشتا نومۇرغا قاراش، مەكتەپلەرنى باھالاشتا ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىگە قاراش»تەك خاھىشلارنى ئۆزگەرتىش ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى ئۇنىۋېرسال باھالاش ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ھېسابلىنىدۇ.

  يېشىل باھالاش كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي تەرەققىيات سەۋىيەسى، ئوقۇش تەرەققىيات سەۋىيەسى، جىسمانىي ۋە روھىي تەرەققىيات سەۋىيەسى، قىزىقىش ۋە ئارتۇقچىلىقىنىڭ يېتىلىشى، ئوقۇش يۈكى ئەھۋالى قاتارلىق 5 جەھەتتىكى 20 مۇھىم كۆرسەتكۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە