باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«خاسىيەتلىك كېمە-10» ناملىق ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئەتە ئەتىگەن سائەت 10دا ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتىدۇ

2013.06.19 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «خاسىيەتلىك كېمە-10» ناملىق ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئەتە ئەتىگەن سائەت 10دا ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتىدۇ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدەرسنى بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: مائارىپ مىنىستىرلىقى، جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئىشخانىسى ۋە جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان «خاسىيەتلىك كېمە-10» ناملىق ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىىنڭ ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇپ دەرس ئۆتۈش پائالىيىتى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:04دىن 10:55 كىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن دەرسلەرنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ دەرسىنى ئاڭلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات قانىلى مەزكۇر دەرسنى بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 1-قانىلى قاتارلىق قاناللىرىمۇ ئۇلاپ كۆرسىتىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە