باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى: يېڭى تاۋار ماركىسى قانۇنى جامائەتكە قانداق قولايلىقلارنى يارىتىدۇ؟

2013.06.19 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  15 – ئىيۇن داليەندە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹2013 – يىللىق جۇڭگو خەلقئارا تاۋار ماركىسى. كۇرسلۇق مەھسۇلات بايرىمى›› دا، دۆلەت سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى ۋۇ چۈن يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا ھازىرقى تاۋار ماركىسى قانۇنىغا 3 – قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى تونۇشتۇردى. ۋۇ چۈن مۇنداق دېدى: يېڭى تاۋار ماركىسى قانۇنى جامائەتنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشىنى تېخىمۇ قولايلىق مۇلازىمەت تەدبىرلىرى، جۈملىدىن ئىلتىماس قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئېلېكتىرونلۇق ئىلتىماس قىلىش شەكلى بىلەن تەمىنلەش، ئىلتىماس قىلىش تەننەرخىنى ئازايتىش قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ۋۇ چۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېڭى تاۋار ماركىسى قانۇنى لايىھەسىدە ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتىكى كۆرۈنۈشچانلىق تەلىپى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئاۋاز، يەككە رەڭنىمۇ تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇشقا ئىلتىماس قىلىشقا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. بۇ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق ئىكەن.

  ۋۇ چۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېڭى تاۋار ماركىسى قانۇنى لايىھەسىدە ئېلېكتىرونلۇق ئىلتىماس قىلىش شەكلى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلىپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تور ئارقىلىق تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى سۇنۇشىغا رۇخسەت قىلىنغان. بۇ، ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا زور قولايلىق يارىتىپ، بازار سوبيېكتىنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش قىزغىنلىقىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

  بۇنىڭدىن سىرت، يېڭى تاۋار ماركىسى قانۇنى لايىھەسىدە يەنە يېڭىدىن بىر تاۋار ماركىسىغا كۆپ تۈردىكى تاۋارنى ئىلتىماس قىلىش شەكلى كۆپەيتىلگەن. بۇ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ رەسمىيەت بېجىرىش ۋاقتىنى تېجەپلا قالماي، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىشتىكى ئىقتىسادىي تەننەرخىنى تېجەپ قالغان.

  ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرگۈچى بىلەن ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا پايدىسىز، چۈنكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە چۈشىنىش كەمچىل بولغاچقا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى كىچىككىنە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەستىقلانمايۋاتىدۇ. ۋۇ چۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېڭى تاۋار ماركىسى قانۇنى لايىھەسى بۇ كەمچىلىككە قارىتا تەكشۈرۈش پىكرى يېزىش تۈزۈمىنى بەلگىلىگەن. تەكشۈرۈش جەريانىدا تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئىلتىماس قىلغۇچىغا ‹‹تەكشۈرۈش پىكرى›› تارقىتىپ، ئىلتىماس قىلغۇچىدىن رويخەتكە ئالدۇرماقچى بولغان ماركىسىنى چۈشەندۈرۈش ياكى تۈزىتىشىنى تەلەپ قىلىپ، مۇھىم بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش يولى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  دۆلىتىمىزدە ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تاۋار ماركىسى قانۇنى 1983 – يىلى رەسمىي يولغا قويۇلغان بولۇپ، 1993 – يىلى ۋە 2001 – يىلى ئىككى قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن. 2003 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تاۋار ماركىسى قانۇنىغا 3 – قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى رەسمىي باشلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە