باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «بىرتۇتاش سىناق» ئازابىنى يەڭگىللىتەيلى

2013.06.25 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بالىلار ھارغىن، ئاتا-ئانىلار ئالدىراش، ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرى تاغدەك بېسىم ئاستىدا قالدى

  8-ئىيۇن، مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئىمتىھان» سۈپەت قارىشىدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىش مەقستىدە «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۇنىۋېرسال باھالاش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، «مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەنگەن ناھىيە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك بىرتۇتاش ئىمتىھان ۋە سىناقلارنى تەشكىللەشكە بولمايدۇ» دەپ ئېنىق كۆرسەتتى.

  بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «بىرتۇتاش سىناق» رايون-ناھىيەلەرنىڭ بىرتۇتاش سىنقىنى، شۇنداقلا پۈتۈن شەھەر بويىچە تەشكىللىنىدىغان تاللاپ سىناشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، مەيلى قايسى خىلدىكى بولمىسۇن، ھەممىسى ئوقۇش سۈپىتىنى تەكشۈرۈشكە تەۋە. بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونىنى مىسالغا ئالساق، باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىقىنىڭ ئالدىنقى ئوقۇش مەۋسۇمىغا رايونلۇق بىرتۇتاش سىناق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئىمتىھان دائىرىسى 1-يىللىقتىن 6-يىللىققىچە بولغان ئۆگىنىش مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بىرتۇتاش سىناق بالىلارنى ھالسىرىتىپلا قالماي، ئاتا-ئانىلارنى ئالدىراش قىلىۋېتىدۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ. مۇخبىر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ «جاپا-مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بەختنى ھېس قىلىش» تېمىسىدىكى بىرتۇتاش سىناق خۇلاسىنى كۆرگەن، ئۇنىڭدا «ئالدىنقى ھەپتە، ئەڭ ئاخىرقى بىرتۇتاش سىناق نەتىجىسىمۇ چىقتى، مەكتىپىمىزنىڭ ئەدەبىياتتىكى ئوتتۇرىچە نومۇرى پۈتۈن رايون بويىچە ئالدىنقى نەچچىنچى قاتارغا ئۆتتى... كۆپچىلىك ھاياجانلىنىش بىلەن بىرگە، كۆزلىرىدىن تامچە-تامچە ياشلار قۇيۇلدى، ئەنسىزلىككە چۈمگەن قەلبلەر ئاخىرى تىنچلىنىپ، ئارام تاپتى.» دەپ يېزىلغان ئىدى.

  بىرتۇتاش سىناق ئاستىدا، ھەممەيلەن ئۆز سايىسىدىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدى. يەنە مەكتەپ مۇدىرىمۇ «تاغدەك بېسىم» ئاستىدا قالماقتا. بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر داڭلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى مۇنداق دېدى: «بىرتۇتاش سىناق نەتىجىسى ياخشى چىقمىسا، بىرسى مەكتەپنىڭ ئابرويى تۆكۈلۈشتىن قورقىمىز، يەنە بىرى ئۆزىمىزنىڭ يۈزىگە سەت بولۇشتىن قورقىمىز، ھېچكىممۇ بىخەستەلىك قىلىشقا پېتىنالمايدۇ.»

  ئەمەلىيەتتە، بۇ يىلنىڭ بېشىدا بېيجىڭ شەھىرى چىقارغان «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېغىر دەرس يۈكىنى ھەقىقىي يەڭگىللىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسلانغاندا، «رايون-ناھىيەلەر باشلانغۇچنىڭ ھەرقايسى يىللىقلىرىدا تاللاش خاراكتېرلىك ياكى ئۆرلەپ ئوقۇشقا باغلىندىغان بىرتۇتاش ئىمتىھانلارنى تەشكىللەشكە بولمايدۇ» دېيىلگەن. لېكىن بەزىلەر سۆز-ئىبارىلەرگىلا ئېسىلىۋېلىپ، «بىرتۇتاش سىناق» ئېلىپ بېرىش قائىدىگە خىلاپ ئەمەس، چۈنكى بۇ «تاللاش خاراكتېرلىك» ياكى «ئۆرلەپ ئوقۇشقا باغلاش» خاراكتېرلىك ئىمتىھانلارغا تەۋە ئەمەس، دېيىشىۋاتىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ 2-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جېڭ فۇجى مۇنداق دېدى: «سىناق ۋە تەكشۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسىدە ئوقۇغۇچىلار توپىغا يۈزلىنىپ، ئىلمىي تاللاش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇش لازىم، ئوقۇغۇچىلارنى نىشان قىلمىغان بولسا، مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلار يۈكىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەنگەن ناھىيە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك بىرتۇتاش ئىمتىھان، بىرتۇتاش سىناقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.» ئۇ مۇنۇلارنى ئالاھىدە تەكىتلىدى: «بىز ئىسلاھات داۋامىدا چوڭ كۆلەملىك بىرتۇتاش ئىمتىھان ۋە بىرتۇتاش سىناقلارغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، بىر مەكتەپ، بىر سىنىپتىكى 45 نەپەر ئوقۇغۇچىدىن ئىلمىي تاللاش پىرىنسىپى بويىچە 4-5نى تاللاپ سىناق ئېلىپ بارسا، پەقەت پۈتۈن كوللېكتىپقا ۋەكىللىك قىلالىسا بولدى، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى قويماي سىناش ھاجەتسىز.»

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە