سەھىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گېڭ لىن كەسپتە ناھايىتى ئۇتۇق قازانغان ۋە ئۆسۈش ئالدىدا تۇرغان بىر ياش. بىراق ئۇنىڭ ئايالى ليۇ يۈن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى ئادەتتىكىچە. ئالىي مەكتەپنى ئەمدىلا پۈتتۈرگەن لۇ جيايى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى شىركىتىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىدۇ، ئىدارىسىدىكىلەر ئۇنى بوزەك قىلىپ سەھىيە ئىدارىسى ئىلتىماس ئىجازەتنامىسى ئىشىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان ۋە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشكە ماھىر لۇ جيايى گېڭ لىن بىلەن تۇنۇشۇپ قالىدۇ. گېڭ لىننىڭ ياردىمى بىلەن ئۇ ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملايدۇ ۋە ئىككەيلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ. يىقىلىپ كەتكەنلىكتىن ئۇزۇندىن بۇيان بالىغا تەشنا بولۇپ تۇرغان ليۇ يۈننىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ ھەمدە قايتا پەرزەنت كۆرۈش ئېھتىماللىقى بولمايدۇ. بۇ گېڭ لىننىڭ قەلبىنى قاتتىق ئازابلايدۇ...