باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

تارىختىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەڭ تەس يىلغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟

2013.06.20 16:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغانلارنىڭ سانى 6 مىليون 990 مىڭغا يېتىپ، يەنە تارىخىي رېكورت يارىتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى سەۋەبىدىن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش ئېھتىياجى تۆۋەنلىدى. بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ھازىر ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ توختام ئىمزالاش نىسبىتى ئومۇمەن تۆۋەن بولغاچقا، بۇ يىل ‹‹تارىختىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەڭ تەس يىل››دەپ قارالماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، قېلىن مۇز قاتىدىغانغا ئۇزاق ۋاقىت كەتكەنگە ئوخشاش ئىشقا ئورۇنلىشىش تەس بولۇش مەسىلىسى كۆپ يىللاردىن بۇيان يىغىلغان مەسىلىدۇر.

  ماكرو جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى بېسىق ۋاقتىنىڭ يېتىپ كېلىشى ۋە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تەمىنات – ئېھتىياج مۇناسىۋىتىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلدى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە تېخنىكا تەرەققىياتى سەۋەبىدىن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپنى قويدى.

  مىكرو جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغان‹‹ پۇلدارلارنى تېپىش››قارىشى، چەكلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ‹‹كەمسىتىش››ئەھۋاللىرى ھەم يۇقىرىغا ئورۇنلىشالمايدىغان، تۆۋەننى ياراتمايدىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىلغا ئايلانماقتا.

  ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى قېيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تەرەققىياتقا تايىنىش كېرەك. ئىش ئورنى مەنبەسى تولۇق بولۇپ، ھەر ۋاقىت ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەندىلا، كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. بىر تەرەپتىن، ھۆكۈمەت، مەكتەپ مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، باراۋەر، ئادىل بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى يارىتىشى كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، كارخانا ئوقۇش تارىخى، جىنسى، نوپۇس تەۋەلىكى دېگەنگە ئوخشاش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى كەمسىتىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرمۇ ئۆزىنى تەڭشەپ، ھەممە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە