باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز 2020-يىلى ئەتراپىدا ئادەملىك ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇپ چىقىدۇ

2013.06.27 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «خاسىيەتلىك كېمە-10»نىڭ ئۈچ نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلدى. شۇ كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جاۋياۋ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسى گۇرۇھ شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يۈەن جيې، جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرى پەن تەتقىقات-تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى دېڭ يىبىڭلار «ئەرش ئوردىسى-1» ۋە «خاسىيەتلىك كېمە-10»نىڭ ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  ۋاڭ جاۋياۋ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ۋەزىپىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندالغانلىقىنى بەلگە قىلغان ئاساستا، جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئادەملىك ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى قۇرۇش باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ.يۈەن جيې مۇنداق دېدى: «ئەرش ئوردىسى-1» ۋە «خاسىيەتلىك كېمە-10»نىڭ ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندالغانلىقى ئېلىمىزنىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتى دەۋرىگە قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئېلىمىز يېڭى ئەۋلاد توشۇغۇچى راكىتانى تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتىنى قانات يايدۇرماقتا. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە