باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

2013-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 25-ئىيۇن ئېلان قىلىنىدۇ

2013.06.21 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۆت خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتە قىلغىلى بولىدۇ

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىشقا ئازلا ۋاقىت قالدى . يېقىندا ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2013-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئالدىن ئېلان قىلدى ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار تور بەت، يانفون ئۇچۇرى ۋە تېلېفون ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلسا بولىدۇ .

  20-ئىيۇن ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2013-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۇسۇلىنى ئېلان قىلغان بولۇپ ، 25-ئىيۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى تورى ۋە باشقا بېكىتىلگەن تور بەتلەردە ئېلان قىلىنىدىكەن .

  28-ئىيۇن ئەتراپىدا ، 2013-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىنىپ ، 3-ئىيۇلدىن باشلاپ قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلىنىدىكەن .

  ئىگىلىنىشىچە ، 2013-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە 130 مىڭ 100 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 6700 نەپەر ئوقۇغۇچى كۆپ قوبۇل قىلىنىدىكەن . ئۇنىڭ ئىچىدە ، تولۇق كۇرسقا 66 مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچى ، مەخسۇس كۇرسقا 63 مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن .

ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتە قىلغىلى بولىدىغان تور بەتلەر:
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تورى :http://www.xinjiang.gov.cn
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تورى :http://www.xjedu.gov.cn
ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى :http://www.xjzs.edu.cn
شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى :http://www.ts.cn

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە