8-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، 2013-يىللىق ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئېلىندى. شۇ كۈنى، بېيجىڭ گۇاڭچۈمېن ئوتتۇرا مەكتىپى ئىمتىھان بېرىش نۇقتىسى ئالدىدا، نەچچە نەپەر ئاتا ـ ئانا قوللىرىدا گۈل دەستىلىرىنى تۇتقىنىچە، بالىلىرىنىڭ ئىمتىھاندىن چىقىشىنى كۈتۈپ تۇردى. نەق مەيداندىكى بىر ئائىلە باشلىقى مۇنداق دېدى.« بالام 12 يىل جاپا تارتتى، مەن گۈل سوۋغا قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا بەخت ۋە غەلىبە تىلەيمەن». شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جىن شو فوتوسى