باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

شىنخۇا تورى ئىختىساسلىقلار قانىلى: %60كە يېقىن ئادەم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن «ۋاز كېچىش»نىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ قىيىن بولۇشى دەپ قارايدىكەن

2013.06.18 14:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورىنىڭ 18-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، يېقىندا 6 مىليون 990 مىڭ ۋە 1 مىليون دېگەن بۇ ئىككى سان تور ئەھلىنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بىرىنچى سان بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بولۇپ، تولىمۇ كۆپ بۇ سان «تارىختىكى ئىشقا ئورۇنلاشماق ئەڭ قىيىن يىل» دېگەن بۇ تېمىنى سىجىل «قىزىتىۋەتتى». ئىككىنچى سان بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئىمتىھاندىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ سانى بولۇپ، بۇ سان كىشىلەرنىڭ ئىزچىل كىشىلىك ھاياتتا بۇرۇلۇش ياساشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ قارىلىپ كەلگەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھەققىدىكى ئويلىنىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتتى. يېقىندا شىنخۇا تورى ئىختىساسلىقلار قانىلى ئېلىپ بارغان «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ۋاز كېچىش ھادىسىسىگە قانداق قارايسىز؟» دېگەن تېمىدىكى تور تەكشۈرۈشىنىڭ ئاۋاز نەتىجىسىدىن قارىغاندا، %60كە يېقىن ئادەم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن «ۋاز كېچىش»نىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ قىيىن بولۇشى دەپ قارىغان. (مۇخبىر جاڭ شۆخۇا)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە