23-ئىيۇن سائەت 11:04 ئۆتكەندە، شاڭخەي ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى مەلۇم قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، پۇدۇڭنىڭ شىمالىي يولىدىكى شاڭخەي خۇايى ئاكرىلىك كىسلاتا چەكلىك شىركىتىدە كىسلاتا ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى 50تىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسىنى چىقىرىپ بەردى. سائەت 12:20گىچە، ۋەقە جىددىي بىر تەرەپ قىىلىش باسقۇچىدا بولۇپ، نۆۋەتتە، ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش توغرىسىدا مەلۇمات يوق.