28 ئۆي خىزمەتچىسى: فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن تىياتىر ئىنىستىتۇتى نومۇر كۆرسىتىش فاكۇلتىتىدىكى تيەن پرافىسسورنىڭ ئىنتايىن ئىناق بىر ئائىلىسى بار، يەنى ئائىلىسىدە ئايالى، ئانىسى، بىر قىزى ۋە بىر ئوغلى بار. ئايالى ليۇ چىڭشى توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى بولۇپ خىزمىتى ناھايىتى ئالدىراش، شۇڭا، ئانىسى ئۇلارغا ياردەملىشىپ ئائىلە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشىپ بېرىدۇ. بىر كۈنى تيەن ئانا چىنىققىلى چىققاندا پۇتىنى قايرىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تيەن ئائىلىسىدىكىلەر خىزمەتكار ياللاشقا مەجبۇر بولىدۇ، فىلىمدە ئاساسلىقى خىزمەتچى ياللاش جەريانىدىكى قىزىقارلىق ئىشلار شۇنداقلا ئامالسىزلىق ۋە سەۋرچانلىق بىلەن ئادەم ئىزدەش جەريانىدىكى تەپسىلاتلار بايان قىلىنىدۇ.