ناتۇنۇش كىشىلەرگە گەپ قىلماڭ: تاشقى كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى ئەن جياخې كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ھەممىلا تەرەپتىن ئۈلگىلىك ئەر. بىراق ئۇنىڭ ئائىلە زوراۋانلىق خاھىشى بار . مېي شياڭنەن ئۇنىڭ 2-ئايالى، ئايالىنىڭ ئازابلىق ئۆتمۈشلرى يولدىشىنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ، ئىناقسىزلىقنىڭ قارا تۇمانلىرى بۇ ئائىلىگە يامرايدۇ. بىر قېتىملىق ئائىلە زوراۋانلىقى ئۇدۇل بىنادىكى قوشنىسى تەرىپىدىن سۈرەتكە تارتېۋىلىنىدۇ، ئۆزىنىڭ ئوبرازى ۋە كەلگۈسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئەن جياخې لېنتىنى ئېلىۋىلىش جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن يې دوۋنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئەنجياخې بارسا كەلمەس يولغا قەدەم قۇيىدۇ، ئۇنىڭ ئائىلە زوراۋانلىق قىلمىشلىرى بارغانچە ئەۋجىگە چىقىپلا قالماي، كىشىلەرگە ئىنتايىن زەھەرخەندە بولۇپ كېتىدۇ. مېي شياڭنەن نۇرغۇن قېتىم ئەن جىياخېنىڭ قارا قولىدىن قېچىپ چىقىشنى ئويلايدۇ، ئەن جياخېنىڭ ساقچى ئىنىسى ئاستا ـ ئاستا ئاكىسى ۋە يەڭگىسى ئارىسىدا كىشىلەر بىلمەيدىغان نۇرغۇن سىرلارنىڭ بارلىقىنى سېزىپ قالىدۇ...