باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى قامۇسى›› گېرمانىيەدە تونۇشتۇرۇلدى

2013.06.27 16:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ پېنسىيۇنېرى، تىلشۇناس، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى تەتقىقاتچىسى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2010 – يىلى نەشر قىلغان ‹‹ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى قامۇسى›› ناملىق كىتابى گېرمانىيە بونن ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە كولتۇر ئىنستىتۇتىنىڭ نەشر ئەپكارى، مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقاتى ساھەسىدىكى گېرمانچە خەلقئارالىق داڭلىق ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ بىرى ‹‹مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقاتى››نىڭ 2012 – يىللىق سانىدا، گېرمانىيە گوتتىنگېن پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن دوكتور مىخائېل كنۈپپىل تەرىپىدىن ‹‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى ئىسىم قامۇسى›› دېگەن ماۋزۇدا تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى.

  مىخائېل كنۈپپىلنىڭ ماقالىسىدە ‹‹گەرچە تۈركولوگىيە تەتقىقاتى بىرقەدەر ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولسىمۇ، خېلى كۆپ تۈركىي تىللار ۋە دىيالېكتىكىلاردىكى كىشى ئىسىملىرى جەھەتتە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات يېتەرلىك بولمىغان ياكى بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات تېخى روياپقا چىقمىغانىدى، باشقا تۈركىي تىللارغا ئوخشاشلا، ئۇيغۇر تىلىدا بۇ يېڭى ساھە بولۇپ، بوشلۇق ھالىتىدە ئىدى، بۇ بوشلۇق ئۇيغۇر تەتقىقاتچى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ <ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى قامۇسى> بىلەن تولدۇرۇلدى›› دەپ كىتابقا يۇقىرى باھا بېرىلگەن.

  مەزكۇر ماقالىدە قامۇسنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە ‹‹بۇ كىتابتىكى ئىسىملار ئۇيغۇر تىل ئىستېمالىدا قوللىنىلىۋاتقان ۋە تىل ئەمەلىيىتىدە تاپقىلى بولىدىغان ئىسىملار بولۇپ، ياسالما ئىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ›› دېيىلگەن؛ قامۇستىكى ئىسىملار مەنەسىنىڭ ئىزاھلىنىشى ھەققىدە توختىلىپ: كىتاب ئاپتورىنىڭ تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ھەر بىر ئەسلىي ئىسىمنىڭ ھەقىقىي سۆز مەنىسىنى بەرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىشلىرىنى ئېنىق كۆرسەتكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن؛ ماقالە ئاخىرىدا ‹‹بۇ قامۇس ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى (كولتۇرى)نى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئۈچۈن، جۈملىدىن تۈركولوگىيە ئىسىمشۇناسلىقى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، قامۇسقا كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن تارىخىي ئىسىملار تۇنجى قېتىم جەملەنگەن بولغانلىقتىن، بۇ ئەسەر ئەڭ دەسلەپكى زور ھەجىملىك تەتقىقات نەتىجىسى سۈپىتىدە كەلگۈسىدىكى قېرىنداش تۈركىي تىللار سېلىشتۇرما ئىسىمشۇناسلىق تەتقىقاتىنى مەنبە بىلەن تەمىنلەيدۇ›› دېيىلىپ، ئاپتورنىڭ تۆھپىسىگە ئاپىرىن ئوقۇلغان.

  مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى 32 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنى سىستېمىلىق توپلاش، رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تىل ئىستېمالىمىزدا ھەقىقىي مەۋجۇت بولغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ جۇغلانمىسىنى تەييار ماتېرىيال بولمىغان ئەھۋالدا جاپالىق ئىلمىي ئەمگىكى ئارقىلىق يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە ئەڭ بالدۇر ۋە ئەڭ سەمىمىي ھالدا تەقدىم قىلدى؛ ئۇنىڭ 1987 – يىلىدىن بۇيان نەشر قىلدۇرغان يەتتە كىتابى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى بىلەن تونۇشۇش ۋە پەرزەنتلەرگە ئىسىم قويۇش جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىللە، كېيىن بۇ ساھەدە باشقا كىتاب چىقارغۇچىلارنى ئاساسلىق پايدىلىنىش مەنبەسىگە ئىگە قىلدى. 2005 – يىلى 4 – ئايدا ئۇنىڭ ‹‹ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ مەنىسى›› ناملىق كىتابى قازاقىستاندا سىلاۋىيان يېزىقىدا نەشر قىلىنىپ، چەت ئەللەردىمۇ تارقالدى. (مۇھەممەت تۇرسۇن خەۋىرى)

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە