خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، كورىيە زۇڭتۇڭى پارك گېئونخې 27-ئىيۇندىن 30-ئىيۇنغىچە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭلار بىلەن كۆرۈشىدۇ، يەنە شىئەندە ئېكسكۇرسىيە زىيارىتىدە بولىدۇ. زۇڭتۇڭ پارك گېئونخېنىڭ زىيارىتى مەزگىلىدە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان جۇڭگو-كورىيە مۇناسىۋىتى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسى قاتارلىق خەلقئارالىق رايون مەسىلىسى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.
كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 24-چېسلادىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، كورىيە سودا-سانائەت يىغىنىدا زۇڭتۇڭ پارك گېئونخېغا ھەمراھ بولۇپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىدىغان ئىقتىساد ئەلچىلىرى ئۆمىكىنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىنغان. 18 چوڭ كارخانىنىڭ ۋەكىللىرى، ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى 33 تايانچ كارخانىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ 71 كىشىدىن تەركىپ تاپقان بۇ ئىقتىساد ئەلچىلىرى ئۆمىكى تارىختىكى ئەڭ چوڭ كۆلەم ھېسابلىنىدىكەن. بەش يىل ئالدىدا ليۇ مىڭبەك جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا ئەلچىلەر ئۆمىكى 36 كىشى، ئالدىنقى ئايدا پارك گېئونخې ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغاندا 52 كىشى ئىدى. (مۇخبىر سۇ نەن)
مەنبە: خەلق تورى