باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

سەئۇدىي ئەرەبىستان شاھزادىسى پارىژدىكى دېسنىي شادلىق باغچىسىنى ئۈچ كۈن ئىجارىگە ئېلىپ، 15 مىليۇن ياۋرونى بۇزۇپ چېچىۋەتتى

2013.06.04 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

سەئۇدىي ئەرەبىستان شاھزادىسى فاھىد ئال سەئۇد
  رۇسىيە خەۋەرلەر گېزىىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، سەئۇدىي ئەرەبىستان شاھزادىسى فاھىد ئال سەئۇد يېقىندا پارىژدىكى دېسنىي شادلىق باغچىسىنى ئۈچ كۈن ئىجارىگە ئېلىۋىلىپ 15 مىليۇن ياۋرونى بۇزۇپ چېچىۋەتكەن.

  مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، سەئۇدىي ئەرەبىستان شاھزادىسى ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن دېسنىي شادلىق باغچىسىدا تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان. ئۇ 60 مېھمىنىنى باشلاپ دېسنىي شادلىق باغچىسىدا ئۈچ كۈن 22-مايدىن 24-مايغىچە تەبرىك پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

  مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، شاھزادە ئەزىز مېھمانلار ئۈچۈن كەچلىك نىقابلىق ئۇسسۇل زىياپىتى، نومۇر ئورۇنلاش ۋە فوتو ـ سۈرەتكە چۈشۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە