باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىڭداۋنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى كاتتا داچا سېتىۋېلىپ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كېڭەيتىپ سالدى دەپ پاش قىلىندى

2013.06.27 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چىڭداۋ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى لۇ شىنمىن قىزىنىڭ داچىسىدا بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇش ئېلىپ باردى. (ئۆز مۇخبىرىمىز گاۋ سىۋېي فوتوسى)

  يېقىندا، مەلۇم تورداش توردا مۇنۇلارنى پاش قىلدى: شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى قوشۇمچە پورت باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لۇ شىنمىن ۋەزىپىدىكى چېغىدا قىزىنىڭ نامىدا 20 مىليون يۈەنگە دېڭىز بويىدىن داچا سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى داچىنى چېقىۋېتىپ 3200 كىۋادىرات مېتىرلىق قىلىپ قايتا سالدى، دېڭىز بويىدىكى خادا تاشلارنى ۋەيران قىلىپ، دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى.

  2013-يىل 4-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «چىڭداۋدىكى كىچىك شەھەر ئاھالىسى» دېگەن تورداش مىكرو بىلوگدا «چىڭداۋدىكى پىنسىيونېر ئەمەلدار دەرىجىدىن تاشقىرى كاتتا داچا سالدى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان داچىنىڭ سۈرىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك سىن ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلىدى. ئۇ مىكرو بىلوگ ئارقا-ئارقىدىن 36 پارچە ماقالە ئېلان قىلدى، ئەمما ھەممىسى ئۆچۈرۋېتىلدى ۋە پېچەتلىۋېتىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە