باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

سېرك ئۆمىكىدىكى ئورانگوتان فوتو سۈرەت ئەسىرى 470 مىڭ يۈەنگە سېتىلدى

2013.06.07 17:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 5-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا لوندوندىكى سوسبايس كىم ئارتۇق سودا ئورنى ئۆتكۈزگەن روسىيە فوتو سۈرەتلىرىنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا بىر گۇرۇپپا رۇسىيە سېرك ئۆمىكىدىكى ئورانگوتان مىككىنىڭ رەسىمگە تارتىۋاتقانلىق سۈرىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرەتلەر 50 مىڭ فوند سىتىرلىك يەنى 470 مىڭ يۈەنگە سېتىلغان.

  مەلۇماتتىن ئىگىلىنىشىچە، ئانچە ئوچۇق بولمىغان بۇ سۈرەتلەرنى مەككېي ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى تارتقان بولۇپ، سۈرەتنىڭ ئاساسىي تېمىسى موسكۋا قىزىل مەيدانى ئىكەن. مەككېينىڭ فوتو ـ سۈرەت تېخنىكىسى رۇسىيەلىك ئىككى نەپەر چۈشەنچە ئېقىمىدىكى سەنئەتكار ۋىتالىي كومار ۋە ئالېكساندىر مىلامىدنىڭ تەسىرىدىن بولغان ئىكەن. ئۇلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا مەككېينى مەشقلەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا سۈرەتكە تارتىشنى، سۈرەت مەنىسىنىڭ پەقەتلا ئىنسانىيەتنى ئاساس قىلسىلا ئاندىن ھەقىقىي سەنئەت بولۇشى ناتايىنلىقىنى، ھايۋانلارنىمۇ سۈرەتكە تارتسا بولىدىغانلىقىنى ئۆگەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە