باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چېڭدۇدىكى «قارا جەمئىيەت كاتتىبېشى» مىلياردېر ۋە خەلق ساقچىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكتىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى

2013.06.27 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  26-ئىيۇن، ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى «قارا جەمئىيەت كاتتىبېشى» لېي شياۋۋېيغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ساقلاپ قېلىش توغرىسىدا ھۆكۈم ئېلان قىلدى.

  چېڭدۇدىكى «قارا جەمئىيەت كاتتىبېشى» لېي شياۋېي ئەسلىدە چېڭدۇ خۇاۋۇ شېڭيەن بەزمىخانىسنىڭ خوجايىنى ئىدى، مىلياردېر ليۇ چىڭشىننى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، لېي شياۋۋېي ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى كەينى-كەينىدىن قولغا ئېلىندى. بۇنىڭ بىلەن بۇ قارا جەمئىيەت خاراكتېردىكى تەشكىلاتنىڭ ئۆتكۈزگەن نۇرغۇن جىنايى ئىشلار دېلولىرىمۇ ئاشكارا بولدى. تۆت يىل تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش ئارقىلىق، تۈنۈگۈن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 2-سوتتا ئاخىرقى كېسىم ئېلان قىلىپ، ليۇ شياۋۋېيغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ساقلاپ قېلىش قارار قىلدى.

  گەرچە تۆت يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، سىچۈەنلىك مىلياردېر ليۇ چىڭشىننىڭ قەستكە ئۇچراش دېلوسى ھېلىغىچە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېسىدە ئىدى. مەزكۇر دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، چېڭدۇ خۇاۋۇ شېڭيەن بەزمىخانىسنىڭ خوجايىنى لېي شياۋۋېي ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى، ئۇنىڭ شېرىكلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن قولغا چۈشتى. بۇ قارا جەمئىيەت خاراكتېرلىك تەشكىلاتنىڭ يەنە خەلق ساقچىسىنى ئۆلتۈرۈش، باشقىلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى قاتىللىق دېلوسىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە