باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسى ئۈچ تۈرلۈك ئۇچۇرنى مەركەزلىك تازىلاپ پۇقرالارنىڭ مەخپىيىتىنى قوغداش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

2013.06.27 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورىنىڭ 26-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، مۇخبىرنىڭ بۈگۈن دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، پۇقرالارنىڭ شەخسىي مەخپىيەت ھوقۇقى قاتارلىق قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن، 27-ئىيۇندىن باشلاپ پۇقرالارنىڭ شەخسىي مەخپىيەت ھوقۇقى ۋە نام ھوقۇقىغا چېتىلىدىغان ئۈچ تۈرلۈك ئۇچۇرنى مەركەزلىك تازىلاش خىزمىتى يولغا قويۇلىدىكەن.

  دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسى تور ئۇچۇرلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ مۇخبىرغا تونۇشتۇرۇشىچە، مەركەزلىك تازىلىنىدىغان ئۈچ تۈرلۈك ئۇچۇر مۇنۇلار ئىكەن: باشقىلارنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ ياكى ئوغرىلاپ ئېچىلغان بىلوگ، مىكرو بىلوگ قاتارلىق ئاكونت نومۇرلىرى؛ پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئالاقە نومۇرى، ئۆي ئادرېسى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان مەخپىي ئۇچۇرلار قەستەن، خالىغانچە ئېلان قىلىنغان، شەخسنىڭ مەخپىيىتىنى ئوغرىلىقچە ئۈن-سىنغا ئېلىشقا چېتىلغان سۈرەت ۋە ئۈن-سىن ئۇچۇرلىرى؛ قىلچە پاكىت ئاساسى يوق تۇرۇپ باشقىلارنى چېقىۋېلىش، تىللاش ۋە سېسىتىش خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلار.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە