ھەممىمىزگە مەلۇمكى، كارتون فىلىم ئۆزىدىكى نۇرغۇن ئەۋزەللىكلىرى بىلەن ھەقىقىي ئادەم رول ئېلىپ چىققان فىلىملەردە ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىغان ئاجايىپ تەسەۋۋۇرلارنى كارتون شەكلى ئارقىلىق روياپقا چىقىرىپ، ماكان ۋە زامان ھالقىغان ھالدا كىشىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇرالايدۇ. كارتون فىلىملەر بالىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپلا قالماي، ياخشى ئىشلەنگەن كارتون فىلىملىرىنى بالىلارلا ئەمەس ئاتا ـ ئانىلارمۇ ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ. ياخشى ئىشلەنگەن كارتون فىلىملىرى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ ـ يېتىلىشىگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەن تۆۋەندە 90-يىللاردا كارتون ياقتۇرۇپ كۆرگەن كارتون فىلىملىرىمنى رەتلەپ چىقتىم. قېنى ئەمىسە، دوستلار، كارتون دۇنياسىغا بولغان سەپىرىمىزنى باشلاپ كەتسەك قانداق؟