3. شىر پادىشاھ: شىر پادىشاھ فىلىمىنى دېسنىي كارتون فىلىملىرىنىڭ يۇقىرى پەللىسى دېيىشكە بولىدۇ، فىلىم قۇيۇلۇپ شۇ يىلىلا ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ بىر قانچە تۈردىكى چوڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بۇ فىلىم ھازىرمۇ يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشمەكتە. فىلىمدە شىرچاق سېمبانىڭ كىچىكىدىن باشلاپ نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئارقىلىق مەسئولىيەتچانلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك، سېھرىي كۈچكە ئىگە باتۇر شىر بولۇپ پىشپ يېتىلىش جەريانى سۆزلەنگەن. بۇ فىلىم ئارىلىقىغا يەنە سەمىمىي دوستلۇق ۋە پاك مۇھەببەت قۇشۇپ تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق فىلىمنىڭ سېھرىي كۈچى يەنىمۇ ئاشۇرۇلغان.