1. ئەقىللىق يىشۇ فىلىمى: بۇ كارتون فىلىم بارلىق كىچىك دوستلارغىلا ئەمەس ئاتا ـ ئانىلارغىمۇ ئىنتايىن تۇنۇش. 298 قىسىملىق بۇ كارتون فىلىم 1975-يىلى ياپونىيەدە ئىشلەنگەن. فىلىمدە ئاساسلىقى ئېنگو ئىبادەتخانىسىدىكى كىچىك راھىب يىشۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىگە تايىنىپ ھەل قىلىش قىيىن بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانلىقى ۋە نۇرغۇنلىغان نامرات، كەمبەغەل كىشىلەرگە ياردەم قىلغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ.