8. خېيمەن ۋە ئالەمنىڭ خۇجايىنلىرى: 130 قىسىملىق بۇ كارتون فىلىم ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئاجايىپ ئۆزگىچە دۇنيا «ئېتېرنىيا» ۋە بۇ جايدىكى ئۇچقۇر تۇلپار، پىرىخون شۇنداقلا بۇ دۇنيانىڭ پادىشاھى ئادام ۋە «ئىسكىلىت شاھ» قاتارلىقلار ئارىسىدىكى ھەققانىيەت يولىدىكى كۈرەش تەسۋىرلەنگەن.
ئادامنىڭ بىر مەخپىيەتلىكى بولۇپ، ئۇ ھەر قېتىم «ھەي، مەن خېيمەن، ماڭا كۈچ ـ قۇۋەت ئاتا ـ قىلغىن» دېگەن ئەپسۇننى ئوقۇپ قىلىچىنى كۆتۈرۈپ ۋارقىرىغاندىن كېيىن، ئۇ «ئالەمدىكى غايەت زور شەخس خېيمەنگە ئايلىنىدۇ ۋە «ئىسكىلىت شاھ» بىلەن جەڭ قىلىدۇ.