باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ۋېنېسۇئېلانىڭ پرېزىدېنت سايلىمى باشلاندى(2)

2013.03.12 08:36        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋېنېسۇئېلادىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىختىلاپ كۆرۈلدى. مادورو 8-مارت مۇۋەققەت پرېزىدنېت بولۇش ئۈچۈن قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندە، ئۆكتىچىلەر بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىپ، قاتناشمىساق مادورو قانۇنلۇقلۇقىنى يوقىتىدۇ دەپ قارىدى. بىراق بەزى ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزالىرى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قاراپ يەنىلا ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئېلىش نەق مەيدانىغا بېرىپ، مادورونىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى. ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: ئۆكتىچىلەر رەھبەرلىرىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە كۈندىكى ئىپادىسى ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئۇلارنىڭ رىقابەتتىكى ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزۈپ، غەلبە قىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: مادورو چاۋېسنىڭ تەسىرى بىلەن قوللاشقا ئېرىشىدۇ، ئۇنىڭ غەلىبە قىلىشىدا ئۈمىد زور. لېكىن قىسقا ۋاقىتلىق سايلامدا 8 مىليون ئاۋازغا ئېرىشىشى ئاسان ئەمەس. ئۆكتىچىلەرنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى كاپۇرىياس ئۆتكەن يىل 10-ئايدىكى سايلامدا 6 مىليون ئاۋازغا ئېرىشكەن. ئۆزىنىڭ ئىشەنچلىك سايلىغۇچىلىرى بار. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە بۇنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭا چاۋېسنىڭ جەسىتىنى قويۇپ قويۇش ۋاقتىنى بىر ھەپتە ئۇزارتىپ، جەسەتنى مەڭگۈلۈك ساقلاپ قويماقچى بولدى، ھەتتا ئۇنىڭ جەسىتىنى دۆلەت قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىپ، ۋېنېسۇئېلانىڭ دۆلەت ئاتىسى بولىۋارنىڭ جەسىتى بىلەن بىر يەرگە دەپنە قىلماقچى بولدى. بۇ ئۆكتىچىلەرنى خاتىرجەمسىزلەندۈردى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: چاۋېس نۇرغۇن سىياسىي مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتتى، بۇ مىراس ئۇ كۆرسەتكەن ئىزباسارنىڭ سايلام ئارقىلىق كېيىنكى چاۋېس دەۋرىگە ئۆتۈشكە يېتەرلىك قىلىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە