باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تورداشلار مەركىزى>>تورداشلار ئاۋازى

بالىنىڭ مېھرى، چاينىڭ سېھرى

ۋارىسجان ئەھمەد

2015.12.01 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋىلايەت مەركىزىدىن كىچىك ماشىنا بىلەن تۇرۇشلۇق ناھيەگە قاراپ كىتىۋېتىپ 30 ياشلار چاممىسىدىكى چوكاننىڭ بالىسىغا تېلپۇن قىلىپ دەۋاتقان سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى:

  - كەچتە قايتىپ كىلىمەن، تاپشۇرۇقىڭلارنى ئىشلەپ بولۇپ ئۇخلىغاچ تۇرۇڭلار، ھە راسىت چۈشتە ئاشقان مىپەن بار، ئاچىڭىز سەينى ئىللىتىپ بەرسۇن يەڭلار،-دىگىنىچە ئۇھ دىدى چوكان، سۆزلىشىشتىن توختاپ يەڭگىللىگەندەك قىلىپ.

  - كەچتە بۇ ناھيىگە بارمىسىڭىز بولمايدىغان قانداق جىددى ئىشتى،- سورىدى چوكان بىلەن تەڭ دىمەتلىك يەنە بىر يولوچى ئايال.

  - قانداق ئىش بولاتتى دەيسىز، يۇرتتا چاي ئويناپ قېپتىكەنمەن، بۇ قېتىم كەلمىسەڭلار زادى بولمايدۇ دەپ ساھپخان چىڭ تۇرىۋالدى، شۇڭا مېڭىشىم.

  - باللارنىڭ دادىسى يوق ئوخشىمامدۇ

  - يېزا خىزمىتىگە چۈشكەنتى، باللاردىن خەۋەر ئېلىپ بولالمايدۇ. بىز بۇ يەرگە يېڭىلا ئولتۇراقلىشىپ قالغاچقا ھەر ئىككىلىمىزنىڭ يۇرتى بۇ ئەمەس، شۇڭا يېقىن تۇققانلىرىمىزمۇ يوق. باللارنى ئېلىۋالاي دىسەم كەچتە قايتىپ كىلىپ ئەتە ئىشلەيدىغان بولغاچقا. - چوكان كەلگەن تېلپۇننى قۇبۇل قىلدى گىىپىنى توختۇتۇپ.

  - نىمە، نىمانچە بۇرۇن ئەمدى....، ھە ماقۇل،- ئۇ شۇنداق دىگىنىچە خاپىلىغىنى ئىپادىلىدى.

  -نىمە بوپتۇ سىزنى خاپا قىلغىدەك:- چايدىن قايتىشىپتۇ.

  -ئەمدە سائەت ئۈرۈمچى ۋاختى 8 بولاي دىسە قانداق چاي بۇ،- دىدى چوكاننىڭ تەڭ دىمەتلىگىمۇ خاپا بولغاندەك قىلىپ.

  -سىز بۇيەرگە ئولتۇراقلاشقان ئوخشايسىزغۇ،- سورىدى شوپۇرمۇ گەپكە ئارلىشىپ.

  - ھە، بۇ چاي ئۆز يۇرتۇمنىڭ چېيى، بۇ يەردىمۇ 2-3 چېيىم بار،-دىدى چوكان تۇلۇقلىما بىرىپ. ئۇ يېرىم يولدىن ئۆتكەندە كىملەرگىدۇر قايتىدىغانغا ماشىنا ئۇشقۇشۇپ بىرىشنى ئۆتىنسە يەنە كىملەرگىدۇر بىرگە قايتىپ ئەتىسى شەھەرنى ئويناپ كىتىشىنى ئۆتىنەتتى. كىرا قىلىپ كىلىۋاتقان بۇ شوپۇرغا ھېلى قايتاشىدا ئاپىرىپ قويۇشنى ئېيتقانتى 250 يىۋەن بىرىشنى ئېيتتى شوپۇر. چوكان 100 كىلومىتىر مەنزىلگە يىتىپ كەلگىچە كەلگەن تېلپۇن ۋە ئۈزى ئۇرغان تېلپۇن 100 قېتىمدىن ئاشقىنى قىلچە مۇبالىغە ئەمەستى.

  - بۇنداق قىينالغىچە بۇ يەردىكى چاينى ئوينىمىسىڭىز ياكى چاي پۇلىنى سېلىپ بەرسىڭىز بولمامدۇ،- سورىدى باياتىنقى تەڭ دىمەتلىك چوكان.

  - بۇنى بىر دىمەڭ، ئالدىنقى قېتىم چاي پۇلىنى چايغا قاتنىشىۋاتقان بىر تۇنىشىمنىڭ كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرسەم ئارىدا كۆڭۈلسىزلىك بولۇپ قالدى، پۇلنى كارتىغا ئۇرۇپ بىرىشمۇ بولمايدىكەن، - دىدى ئۇ بىر ئىشقا ئېچىنغاندەك قىلىپ.

  دەۋىر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يۇرتلىقلار چېيى، ساۋاغداشلار چېيى، ياشانغانلار چېيى، ئاياللار چېيى، ئەرلەر چېيى، قىز-چوكانلار چېيى، كەسىىىىپداشلار چېيى، بىر جۇپلەر چېيى دىگەندەك شەكلى خىلمۇ –خىل ئۆزگىچە ناملار بىلەن چاي تەشكىللەنگەن بولسىمۇ بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاساسەن دىدارلىشىش، يەپ –ئىىچىش تۈسىنى ئالغان بولۇپ تەربيەۋى قىممىتى كىتاپ چېيى، ئىلىم چېيى، مېھرى-شەپقەت چېيىدەك ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس. ئەسلىدە چاي رىستۇرانلاردا ئەمەس ئۈزىمىزنىڭ شەخس تۇرالغۇسىدا ئۆتكۈزۈلسە باشقىلار ئۈيىمىزنى بىلسە، پەرزەنتلىرىمىزنى تۇنىسا، ئۈيىمىز ھەم ھال-كۈنىمىز ھەققىدە تەكلىپ-تەۋسىيە بەرسە تولىمۇ ياخشى بولاتتى. بىراق ئاۋارىچىلىقتىن قورقۇپ چاينى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەس مېھمان كەلسىمۇ بەزىلىرىمىز مېھماننى سىرتتا كۈتۋېلىپلا مېھمانخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرىدىغان، مېھمانمۇ ئۈيىمىزنى كۆرمەي كىتىدىغان بولدى.

  سەپەرداش چوكاننىڭ ھەر ھالدا تېلپۇندا بولسىمۇ ئۇنتۇلۇپ قالماي باللىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرغىندىن بالا مېھرىنى سۆيىنىش ئىچىدە ھېس قىلسام، ئىشتىن چۈشۈپلا توك سىكىلىتىنى كىچىك ماشىنا كىرا ئورنىنىڭ بىر يېقىغا توختۇتۇپ قويۇپ 100 كىلومىتىر يول يۈرۈپ چايغا ماڭغىنىغا قاراپ چاينىڭ سېھرىنى، ئەتە ئىشلەيدىغىنى ئۈچۈن قايتىپ كەلمىسە ۋە باللىرىدىن خەۋەر ئالمىسا بولمايدىغانلىغىنى ئويلاپ بۇرۇچ تۇيغۇسىنىڭ بارلىغىنى پەرەز قىلدىم.

  ئائىلە پەرزەنت بىلەن ئىللىق ھەم ھارارەتلىك، ئەر-ئايال ئائىلىسى بىلەنلا بەخىتلىك ھەم مىھرى-مۇھاببەتلىك، قىز-ئوغۇل بىر ئۆيگە كىرگەندىلا ۋاپادار ھەم ئىشەنچىلىك. ئائىلە ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنىت ئارلىغىدىكى مىھرى –ۋاپا كۆۋرىگى، باللارنىڭ تۇنجى مەكتىۋى. بىزدە « بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار » دىگەن گەپ دەل يۇقارقى قاراشلىرىمىزنىڭ دەلىلى بولسا كېرەك. ئىجتىمائى تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن چاي تەشكىللەش ئىتتىپاقلىقنى كۇچايتىش، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىدارلىشىش پۇرسىتىنى يارتىش، ئۆز-ئارا قوللاشنى كېڭەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولسىمۇ ئەمما شارائىتىمىزغا ماس كەلىمىگەن، ئاۋارىچىلىغى كۆپ، ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان، كۆڭۈل ئازادىلىگى بولمىغان، بېسىم پەيدا قىلىدىغان چايلارنىڭ ئاتا قىلىدىغان ھىممىتىدىن ئەكىلىدىغان مىننىتى كۆپ بولۇپلا قالماي ئائىلىۋى زىددىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە، پەرزەنت بىلەن ئاتا-ئانا ئوتتۇرىسىدىكى ياتلىشىشنىڭ بىخ سۈرۈشگە سەۋەپچى بولىدۇ. شۇڭا چاينى ئاز، ساز ئەھمىيەتلىك ئوينايلىكى ئەھمىيىتى بولمىغان چاي ئوينىغىچە ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلايلى، ئائىلە ھەم پەرزەنتىمىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالايلى، ھېچ بولمىغاندا تەربىيەۋى قىممىتى بار كىتاپ ئۇقۇيلى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر