باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19–يىغىنى يېپىلدى

2015.12.01 16:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 – يىغىنى 27 – نويابىر چۈشتىن كېيىن ئاياغلاشتى، يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت خادىملىرى ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى››، ‹‹قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش نىزامى››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 – يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارارى››، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 – يىغىنىدا ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى ۋە 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى تولۇقلاپ سايلاش ۋە مۇناسىۋەتلىك كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش – قالدۇرۇش توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ئاۋاز بېرىپ ماقۇللاندى ھەم يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن تۆت نەپەر خادىمغا تەيىننامە تارقىتىپ بېرىلدى.

  نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىندا ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى، يىغىن تەشكىللىگۈچىلەر دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى تېزلىشىپ، مۇقىم ئېشىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، دەپ قارايدۇ. ھۆكۈمەت مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تۈرتكىلىك رولىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسەت، مۇھىت، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا نازارىتىنىڭ نازىرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ باشلىقى جاڭ شياۋلېي ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، غەربكە ئېچىۋېتىلگەن خەلقئارالىق پەن – تېخنىكا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش›› تېمىسىدا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جاپپار ھەبىبۇللا، ما مىڭچېڭ، تېلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، نىجات سۇلتان، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇتەللىپ قاسىم، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى مۇتەللىپ ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى نىشان ئىبراھىم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى، مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە قىسمەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، دائىمىي كومىتېت قارىمىقىدىكى خىزمەت تارماقلىرى، ھەر قايسى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر