باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 45–قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىلدى

2015.12.01 16:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 27 – نويابىر چۈشتىن بۇرۇن 45 – قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 19 – يىغىنىنىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىغا قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى(لايىھەنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <كۆمۈر قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى(تۈزىتىلگەن لايىھەسى)››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېتىز – ئېرىق سولياۋ يوپۇقىنى باشقۇرۇش نىزامى(لايىھە)››غا قاراپ چىقىش ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، كېيىنكى قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى(لايىھەنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)››، ‹‹دائىمىي كومىتېتنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە)››، ‹‹قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش نىزامى››نى قاراپ چىقىپ ئۆزگەرتىش ئەھۋالى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 – يىغىنىدا ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى، دائىمىي كومىتېت ئورگىنى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار، ‹‹بىر ھۆكۈمەت، ئىككى مەھكىمە››نىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 – يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ، تەنقىد، پىكىرلىرىنى بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى تولۇقلاپ سايلاش ۋە مۇناسىۋەتلىك كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش – قالدۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى››، ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى پەن – تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى››نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتقا ئالاقىدار ئەھۋال ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، قاراپ چىقىش پىكرىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەتقىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى. يىغىندا يەنە 2014 – يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوت ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم – چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتقا قاراپ چىقىشقا ئالاقىدار ئەھۋال ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ سوت مەھكىمىسى ۋە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقىش ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، قاراپ چىقىش پىكرىنى سوت مەھكىمىسى ۋە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەتقىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاش قارار قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جاپپار ھەبىبۇللا، ما مىڭچېڭ، تېلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، نىجات سۇلتان، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇتەللىپ قاسىم، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى مۇتەللىپ ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى نىشان ئىبراھىم قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر