باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹60يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى ھەقىقىي شىنجاڭ يەشمىسى ئىكەن››

2015.12.01 16:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ‹‹يىپەك يولى ئارزۇسى ياۋروپا، ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ياش رەھبەرلەرنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى››گە قاتنىشىش ئۈچۈن رۇسىيە، بېلارۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتىن كەلگەن 50 ياش رەھبەر 24 – نويابىردىن 29 – نويابىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالتە كۈنلۈك زىيارەتتە بولدى. بۇ 50 ياش رەھبەرنىڭ دىيارىمىزدىكى مەزگىلىدە كۆرگەنلىرى، ھېس قىلغانلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى بولدى.

  25 – نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ئۇلار شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى كۆردى.

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قىرغىزىستان ئالاقە باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى دايىربېكوۋ تالايبېك مۇنداق دېدى: كۆرگەزمىدىكى كۆرسەتكۈچلەردىن مەلۇمكى، شىنجاڭ ھازىر تېز تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋېتىپتۇ، بۇنى جۇڭگونىڭ ھەر نۆۋەتلىك دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

  بېلارۇسىيە دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقى خەلقئارا ياشلار خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى پۇشىنچا ناتالىيە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، بۇ يەردىكى كىشىلەر زور بەختكە ئېرىشىپتۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىۋاتقان سىماسى ماڭا ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەممىدىن گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى.

  شۇ كۈنى بەزى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى بۇ كۆرگەزمىنى كۆرۈشكە ئۇيۇشتۇرغان ئىكەن، پۇشىنچا ناتالىيە بۇ نۇقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: بالىلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپلا ئەجدادلىرى بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلەرنى چۈشىنىشى ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  قازاقىستاننىڭ ‹‹ۋەتەن نۇرى›› ياشلار تەشكىلاتى ئوترار ئوبلاستىنىڭ سېكرىتارى بوپېردىكوۋ ئاسقار شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىدىن تەسىرلىنىپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ 60 يىلدا قولغا كەلتۈرگەن ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلىرى دەل ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، بىرلىكتە قۇرۇلۇش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

  قىرغىزىستان دۆلەت پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئاقايېۋ جاناربېك مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ 60 يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى مېنىڭ شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىمگە ياردەم بەردى، بۇ كۆرگەزمىنىڭ باشلىنىشىدىكى تەشۋىقات فىلىمى بەكمۇ تەسىرلىك ئىشلىنىپتۇ. جۇڭگونىڭ ھەر نۆۋەتلىك دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى شىنجاڭنىڭ 60 يىلدا زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بوپتۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر