باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

2019-يىلى بىرلىكتە تىرىشىپ، بىرلىكتە كۈرەش قىلايلى

__ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2019-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن (4)

2019.01.04 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى شەيئىلەر كونا شەيئىلەرنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ۋاقىت ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، داۋاملىق كۈچەپ كۈرەش قىلىش مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ. كۈرەش قىلىش مۇساپىسىدە، ھەر بىر مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنى دەل بىزنىڭ داۋاملىق ئىلگىرىلىشىمىزنىڭ كوردىناتىدۇر.

  «بىز 2018-يىلىنى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق، قەدەمنى ناھايىتى پۇختا ئالدۇق.» «2019-يىلى، پۇرسەتمۇ، خىرىسمۇ تەڭ مەۋجۇت، كۆپچىلىك يەنىلا بىرلىكتە تىرىشىپ، بىرلىكتە كۈرەش قىلىشى كېرەك.» رەئىس شى جىنپىڭ 2019-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، قان-تەرىنى تۆكۈپ كۈرەش قىلغانلىقىدەك مەنزىرىنى ئەسلەپ، كەلگۈسى بىر يىللىق مۇھىم خىزمەت، كۈرەش مۇساپىسىگە نەزەر سېلىپ، يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلار، ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، گۈزەل تۇرمۇش ياراتقۇچىلار، قوغدىغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە ئىرادە، ھېسسىيات ۋە مەسئۇلىيەت بىلەن مىليونلىغان خەلقنىڭ بىر نىيەتتە ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

  2019-يىلى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىللىق جاپا-مۇشەققەت، 70 يىللىق بوران-چاپقۇندا پارتىيەمىز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، ئالەمشۇمۇل، يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان تارىخ يارىتىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو، ئۈمىدكە تولغان جۇڭگو دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈردى. ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئارقىلىق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي ئورۇنغا چىقتى. بېسىپ ئۆتكەن يولنى ئەسلەيدىغان بولساق، نۇرغۇن كىشى جۇڭگونىڭ بۈگۈنىنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ، شۇنداقلا كۈرەش قىلغاندىلا بەختكە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىغا تېخىمۇ ئىشىنىدۇ. تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسى ئۈچۈن، بىز داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز، بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

 
  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر