باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شامال يۆنىلىشى ئوڭ بولسا، ئىش ئوڭۇشلۇق بولىدۇ

__ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ بىر يىلدا دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنلىكى توغرىسىدا

2019.01.02 18:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا، 2018-يىل «ئادەتتىن تاشقىرى» بىر يىل بولۇپ، كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر ئېسىدە قالدى.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى داۋاملاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، جۇڭگونىڭ 100 يىلدا بىر كۆرۈلىدىغان چوڭ ئىلگىرىلەش بىلەن دۇنيادا 100 يىلدا بىر كۆرۈلىدىغان چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ گىرەلەشمە مەزگىلى بولدى.

  مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئالدى. بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جاپالىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا بېسىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، يۈكسەك ئەقىل-پاراسەت، ئۆزلىكىدىن ئىنتىلىدىغان جاسارەت بىلەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈپ، كۈچلۈك پارتىيە قۇرۇش ئارقىلىق پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىدى.

  «نىشانغا مەھكەم ئېسىلىپ قويۇپ بەرمەسلىك»تەك بەل قويۇۋەتمەيدىغان قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ بايرىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.

  بۇ يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسى __

  «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىسىنى يارىتىش! يېڭى، دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان تېخىمۇ زور مۆجىزە يارىتىش!»

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى دۆلەت ئىچى-سىرتىغا جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرىدىغان قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

  دۇنيا ئاڭلىماقتا، دەۋر ئاڭلىماقتا.

  زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، ئەڭ گۈزەل كىلىماتى بولغان «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» 2018 - يىلى بۇ تارىخىي ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا، ئۇنىڭ مەنىسى تېخىمۇ چوڭقۇر، خەتلىرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولماقتا.

  دۆلەت ئىچىدىكى ئىجتىمائىي ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى دەۋر خاراكتېرلىك، قۇرۇلما خاراكتېرلىك، تۈزۈلمە خاراكتېرلىك مەسىلىلەر گىرەلىشىپ كەتكەن؛ تاشقى مۇھىت ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان، دۇنيا ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر قايتا تەشكىللىنىش بولۇۋاتقان، قورۇقچىلىق، بىر تەرەپلىك مەسلىكى پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقان، تەتۈر دۇنياۋىلىشىش، نارودنىكلىق باش كۆتۈرگەن…

  خۇددى، كېمە دەريانىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندەك، يامىشىپ تاغنىڭ يېرىمىغا كەلگەندەك، بىز ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىدىن بەكرەك يېقىنلاشتۇق، شۇنداقلا تېخىمۇ جىددىي ئېقىن، تېخىمۇ تىك ۋە يانتۇ ئېگىزلىككە يولۇقتۇق.

  تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ۋە ئىنسانلار تەرەققىياتىدىكى «تۆت كوچا ئېغىزى»دا تۇرغاندا، جۇڭگو كېيىنكى قەدەمنى قانداق باسىدۇ؟

  بىر يىلدىن بۇيان، پىلان سەھىپىسىنى پۈتكۈچى، كېمىنىڭ باش رولىنى تۇتقۇچى باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ غېمىنى يەپ، ئۇلۇغ گۈللىنىشتىن ئىبارەت بۇرچنى كۆزدە تۇتۇپ، پىلانلاپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يۆنىلىشنى كۆرسەتتى.

  2018-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىگە مۇنداق بېغىشلىما يازدى: «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىپ، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سېلىپ، ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرايلى.»

  يەنە شىنجىنغا بېرىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىزدە گەرچە ئۇنداق ياكى مۇنداق بەزى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر بولسىمۇ، يەنە داۋاملىق ئالغا بېسىش جەريانىدا ھەل قىلىشىمىز ۋە يېڭىشىمىز كېرەك.»

  خەيكۇنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ۋەزىيەتنى چىڭ تۇتۇپ يۇقۇرى ئۆرلەپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر