باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتايلى

— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلىرىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2018.12.20 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نۇرغۇن مۇساپىنى باستى، بىراق يەنە ئۇزاق مۈشكۈل سەپەرنى باشتىن كەچۈرۈشى كېرەك.»

  «ئۇلۇغ ئارزۇ ساقلىغانغا، توۋلىغانغا ئىشقا ئاشمايدۇ، بەلكى جان تىكىپ ئىشلىگەندە ئىشقا ئاشىدۇ.»

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 18- دېكابىر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلىنىشنىڭ يېڭى سەپەرۋەرنامىسىنى ئېلان قىلدى.

  يىغىن مەيدانىدا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭراپ، يىغىن سىرتىدا ئىنكاسلار كۈچلۈك بولدى. جايلاردىكى پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تېخىمۇ زور ئىرادە ۋە تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى تېخىمۇ زور مۆجىزىسىنى يارىتىشىمىز لازىم.

  شانلىق نەتىجىلەر ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى نامايان قىلدى — 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ سەكرەشنى بارلىققا كەلتۈردى.

  شىزاڭنىڭ ئەڭ يىراقتىكى ئالى رايونىدا، گېرزې ناھىيەسى ۋۇما يېزىسىدىكى كادىرلار ۋە ئامما رەڭدار زاڭزۇچە كىيىملىرىنى كىيىپ، ئاشخانىغا يىغىلىپ يىغىننىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى كۆردى. تېلېۋىزوردا ۋۇما يېزىسى چياڭگۇ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى نىما دۈنجۇنىڭ كۆرۈنۈشى چىققان چاغدا، كۆپچىلىك ئىختىيارسىز قىزغىن چاۋاك چالدى.

  ۋۇما يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى يۈ چۇنلىن: «كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىم 4000 يۈەندىن ھازىر 15 مىڭ يۈەنگە يەتتى، بۈگۈنكى ياخشى كۈنىمىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ھەرقانداق بىر قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ئۇنتۇپ قالمىدى»، دېدى.

  18-دېكابىر، سىچۇەننىڭ لۇجوۋ تەۋەسىدىكى جيەنشەنپو تونىلى ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇلدى. بۇ تونېل قاراشلىق بولغان جەنۇبىي سىچۇەن شەھەرلەر ئارا تۆمۈريولى — دەل سىچۇەننىڭ «تۆت تەرەپكە كېڭەيتىپ، پۈتۈن ساھە بويىچە ئېچىۋېتىش» يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدىكى قاتناش يول تورىنىڭ بىرى.

  گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى ۋە شىمالىي قولتۇق ئىقتىسادىي رايونى بىلەن بولغان تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، چاڭجياڭ دېلتىسى، بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېي، پان جۇجياڭ دېلتىسى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش... غەربىي جەنۇبتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان سىچۇەن ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشتىكى يېڭى قىياپەتنى تېز شەكىللەندۈرمەكتە.

  سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتكوم ئىسلاھات ئىشخانىسى ئىسلاھات 1-باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەمئىيەت ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئامما ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان، تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئەڭ گەۋدىلىك ئىسكەنجىلەر كۈچەپ ھەل قىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى يەنىمۇ ئازاد قىلىنىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇپ، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچى ئاشۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر