باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياپونىيەنىڭ يېڭى مۇداپىئە ھۆججىتىدە جۇڭگوغا قارىتا ئېگىز-پەس گەپلەر بولۇندى

جۇڭگو تەرەپ كەسكىن ئارىلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2018.12.19 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان يېڭى نۇسخىدىكى مۇداپىئە ھۆججىتىگە قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 18-دېكابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالاقىدار ھۆججەتتىكى جۇڭگوغا ئالاقىدار مەزمۇنلاردا جۇڭگونىڭ نورمال دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ھەربىي پائالىيەتلىرى ئۈستىدە قالايمىقان گەپلەر بولۇنغان بولۇپ، ئەمەلىي بولمىغان ئەيىبلەش ئېلىپ بېرىلدى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ ۋە قارشى تۇرىدۇ، ياپونىيە تەرەپكە كەسكىن ئارىلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شۇ كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: 12-ئاينىڭ 18-كۈنى، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئىچكى كابېنت يىغىنى ئېچىپ، يېڭى نۇسخىدىكى «مۇداپىئە پىلان پىروگراممىسى» ۋە «ئوتتۇرا مۇددەتلىك مۇداپىئە كۈچىنى تەڭشەش، تەييارلىق كۆرۈش پىلانى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان بولۇپ، كەلگۈسى بەش يىلدا مۇداپىئە خام چوتىنى تەخمىنەن %10 ئاشۇرۇشنى بەلگىلىدى. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا جۇڭگوغا چېتىشلىق نۇرغۇن مەزمۇنلار بار بولۇپ، جۇڭگونىڭ ھەربىي بىخەتەرلىك يۈزلىنىشىگە نىسبەتەن كۈچلۈك ئەندىشىسىنى بىلدۈردى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  خۇا چۇنيىڭ مۇنداق دېدى: ياپونىيە تەرەپنىڭ ھۆججىتىدىكى جۇڭگوغا چېتىلىدىغان مەزمۇنلار يەنىلا كونا مۇقامغا توۋلاپ، جۇڭگونىڭ نورمال دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ھەربىي پائالىيەتلىرىگە قالايمىقان گەپ قىلغان بولۇپ، ئەمەلىي بولمىغان ئەيىبلەشلەر ئېلىپ بېرىلىپ، ئاتالمىش جۇڭگو تەھدىتى كۆتۈرۈپ چىقىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ئاز ئەمەس. ياپونىيە تەرەپنىڭ بۇ خىل قىلمىشى جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسىز، شۇنداقلا رايوننىڭ تىنچ-مۇقىم چوڭ ۋەزىيىتىگىمۇ پايدىسىز. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قارىتا قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ ھەم ياپونىيە تەرەپكە كەسكىن ئارىلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ياپونىيەنىڭ ھەربىي ئىشلار خەۋپسىزلىكى ساھەسىدىكى يۈزلىنىشى ئىزچىل ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە تەرەپنى «قوغدىنىش» سىياسىتى توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىدە ھەم تىنچ تەرەققىيات يولىغا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشقا، ھەربىي ئىشلار خەۋپسىزلىكى ساھەسىدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشكە ئۈندەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر