باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكىلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ شىخۇەي ئېغىر دەرىجىدە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى

2018.12.19 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ 18-دېكابىردىكى ئۇچۇرىغا قارىغاندا، يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكىلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ شىخۇەينىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، يولداش ياڭ شىخۇەي سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە، خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمەت جەريانىدا مەسئۇلىيىتىنى توغرا ئادا قىلماي، تەكشۈرۈلگۈچىگە كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇش ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ، خىزمەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان سورۇنغا بارغان ۋە سوۋغاتلارنى قۇبۇل قىلغان؛ قانۇن يۈرگۈزۈش پائالىيىتىگە ئارىلاشقان ۋە قول تىققان.

  يولداش ياڭ شىخۇەي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكىلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ تۇرۇقلۇق، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىنى يوقىتىپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ياخشىچاق بولۇش، شەخسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش قورالىغا ئايلاندۇرۇۋالغان، ئۇنىڭ قىلمىشى پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش ھەم ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ھوشىنى تاپمىغان، قولىنى تارتمىغان، ئۇنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش لازىم. يولداش ياڭ شىخۇەينىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلىرىنى ئەينەن تاپشۇرغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەشكىل تېخى ئىگىلىمىگەن كۆپ قىسىم مەسىلىلەرنى تاپشۇرغانلىقى، ئۇنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ ئېرىشكەن تاپاۋىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغانلىقى، خاتالىقىنى تونۇش، توۋا قىلىش پوزىتسىيەسىنىڭ بىر قەدەر ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، يولداش ياڭ شىخۇەيگە پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىپ، مۇئاۋىن نازىر دەرىجىسىدىكى رەھبەر بولمىغان ۋەزىپىگە چۈشۈردى؛ ئۇنىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىلىك 12- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توختىتىلدى؛ ئۇنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ ئېرىشكەن تاپاۋىتى قايتۇرۇۋېلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر