باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئۇلۇغ ئويغىنىش، ئۇلۇغ ئىنقىلاب

— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدە

2018.12.20 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تارىخىي تەرەققىياتنىڭ قانۇنىيىتى بار، لېكىن كىشىلەر تارىخىي تەرەققىيات ئىچىدە تامامەن پاسسىپ ئەمەس. تارىخىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، تارىخىي ئۆزگىرىش پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تېخىمۇ ياخشى ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ.

  «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بولسا پارتىيەمىزنىڭ بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئويغىنىشى، دەل مۇشۇ ئۇلۇغ ئويغىنىش پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدىن ئەمەلىيەتكە ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ ئىجادىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش — جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئىنقىلاب، دەل بۇ ئۇلۇغ ئىنقىلاب جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغ بۆسۈشىنى ئىشقا ئاشۇردى!» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر تەسىرىنى چوڭقۇر شەرھلەپ بەرگەن بولۇپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتىدۇ.

  يۆنىلىش يولنى بەلگىلەيدۇ، يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. 1978-يىلى، پارتىيە ۋە دۆلەت نەگە بېرىپ نەدە يۈرۈشتەك زور تارىخىي پەيتكە دۇچ كەلگەن ئىدى. شۇ چاغدا، دۇنيا ئىقتىسادى تېز راۋاجلانغان، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى كۈنسىرى ئالغا ئىلگىرىلىگەن، ئەمما «مەدەنيەت زور ئىنقىلابى»دىن ئىبارەت ئون يىللىق ئىچكى مالىمانچىلىق سەۋەبىدىن ئېلىمىز ئىقتىسادى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان، خەلقنىڭ تۇيۇنۇشىمۇ مەسىلە بولۇپ، دۆلەت قۇرۇلۇشىدا تۈرلۈك ئىشلارنى يېڭىباشتىن باشلاشقا توغرا كەلگەن ئىدى. پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەر «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنى مۈشكۈل ئەھۋالدىن قايتىدىن جانلاندۇرۇشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلدى. دەل مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، يولداش دېڭ شياۋپىڭ چوڭقۇر قىلىپ: «ئەگەر ھازىر يەنە ئىسلاھات ئېلىپ بارمايدىغان بولساق، بىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىمىز ۋە سوتسىيالىزم ئىشلىرىمىز نابۇت بولۇپ كېتىدۇ»، دەپ كۆرسەتتى. دەل مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، پارتىيەمىز 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى پارتىيە تارىخىدىكى چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر