باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدە

2018.10.08 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش − ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ھەر تەرەپلىمىلىك گۈللەندۈرۈش بولۇپ، ‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹تۆت ئومۇميۈزلۈك› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش نۇقتىسىدىن ئىگىلىشىمىز، يۆنىلىشنى كۆزلەپ، كۈچنى ساقلاپ، ئارتۇقچىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكتىن ساقلىنىپ، بىر قائىدىنى باشتىن ئاخىر تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇپ، بوشاشماي يەڭ تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، مۇھىتنى قايتىدىن بەرپا قىلىپ، قەھرىمانلىق ئىستىلىنى قايتىدىن جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىگە بولغان كۈچلۈك تىرەكنى شەكىللەندۈرۈش لازىم.»

  دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۆت كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 2000 كىلومېتىر يولنى بېسىپ، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى ھالقىپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتەك بۇ مۇھىم تېمىنى چۆرىدەپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. نەچچە كۈندىن بۇيان، بۇ مۇھىم سۆز كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، كەڭ كادىر ۋە ئامما مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  شەرقىي شىمال رايونى بولسا ئېلىمىزدىكى مۇھىم سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك بازىسى بولۇپ، دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، كەسىپ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىكتۇر. 18-قۇرۇلتاي مابەينىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەرقىي شىمال كونا سانائەت بازىسىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. 2015-يىلى 12-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنى ئېچىلىپ، «شەرقىي شىمال قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، شەرقىي شىمالنىڭ گۈللىنىشىنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشتە توختىماي تىرىشىپ، ئۆتكەللەردىن ئۆتىدىغان ھالقىلىق تۈگۈنىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقانلىقى ھەم مۇھىم سۆز قىلغانلىقى − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بەلگىلەنگەن ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىدىغان يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز ئۈچۈن قەتئىي ئىشەنچ ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر