باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىزاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يېڭى زېلاندىيەدە زىيارەتتە بولدى

2018.09.30 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، چاڭدۇ شەھىرى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گۇڭچيۇ جياڭسۈن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىزاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، 27- سېنتەبىردىن 29- سېنتەبىرگىچە يېڭى زېلاندىيەنى زىيارەت قىلدى. يېڭى زېلاندىيەنىڭ ۋېللىنگتون شەھىرىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا، يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ياڭ جيەن ۋە دىپلوماتىيە-سودا مىنىستىرلىقى شىمالىي ئاسىيا مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خې بەييەن بىلەن كۆرۈشتى. ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە يېڭى زېلاندىيەدىكى ئالىملار بىلەن يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئاۋكلاند شەھرىدە، سىياسىي ساھەدىكى كىشىلەر، مۇھاجىرلار، ئاخبارات ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكىلەر بىلەن سۆھبەت ئىلىپ باردى. شۇنداقلا يەنە، جۇڭگونىڭ ئاۋكلانددىكى باش كونسۇلخانىسى ئۆتكۈزگەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 69 يىللىقىنى تەبرىكلەش زىياپىتىگە قاتناشتى ۋە شىزاڭنىڭ تەرەققىياتى تېمىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  يېڭى زېلاندىيە تەرەپ بىلەن كۆرۈشكەندە، گۇڭچيۇ جياڭسۈن يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ھالدا تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ. بۇ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى.

  گۇڭچيۇ جياڭسۈن شىزاڭنىڭ كونا ۋە يېڭى قىياپىتىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، شىزاڭ تىنچ ئازاد بولغاندىن بۇيان، شىزاڭنىڭ دېموكراتىيە ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي ئىشلىرى، مەدەنىيەت-مائارىپى، دىنىي ئېتىقادى ۋە مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى. گۇڭچيۇ جياڭسۈن يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىزاڭ پەقەت نەچچە ئون يىل ۋاقىتلا سەرپ قىلىپ، قالاقلىقتىن ئىلغارلىققا، نامراتلىقتىن باياشاتلىققا، بېكىنمىچىلىكتىن ئېچىۋېتىشكە قاراپ ماڭدى، ئىجتىمائىي تۈزۈمدە تارىخىي ھالقىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، ئىجتىمائىي قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. شىزاڭ خەلقى ھازىر پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن تەڭ قەدەمدە ۋە بىرلىكتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتەك ئومۇمىي نىشانىغا قاراپ قەدەم تاشلاپ، شۇ نىشانغا قاراپ تىرىشىپ ئىلگىرىلىمەكتە. بىز يېڭى زېلاندىيەدىكى دوستلارنىڭ شىزاڭغا كېلىپ، سوتسىيالىستىك يېڭى شىزاڭنى كۆرۈپ، شىزاڭ خەلقىنىڭ ھەقىقىي ئوي-پىكرىنى ئاڭلاپ ۋە بىلىپ كېتىشىنى قارشى ئالىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر