باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىدىيەدە ئازاد بولۇشتا مۇھىمى مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش لازىم

__ بېيجىڭ شەھەرلىك شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى تەتقىقات مەركىزى

2018.07.31 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  40 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو زېمىنىدا ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى مەسىلىسى توغرىسىدىكى بىر مەيدان داغدۇغىلىق مۇزاكىرە كەڭ ئەۋج ئالدى. ئۇ «ئىككى ئومۇمەن»نىڭ ئېغىر ئاسارىتىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىدىيە ئازادلىقى ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق ئىدىيەۋى لۇشيەنىنى قايتىدىن تىكلىشى ئۈچۈن نەزەرىيەۋى ئاساس سالدى. 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش ئەزەلدىن توختاپ قالغىنى يوق. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش يەنىلا بىزنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزدىكى بىر چوڭ ئەڭگۈشتەر، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىدىيىدە ئازاد بولۇشنىڭ يېڭى مەزمۇنى، ۋەزىپىسى ۋە تەلىپى بار بولدى. يېڭى دەۋردە ئىدىيىدە ئازاد بولۇشتا مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.

  مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇش بولسا، يېڭى دەۋردە ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى

  ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانى بولسا، مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز بايقاش ۋە ھەل قىلىش جەريانىدۇر. مەسىلىنى بايقاشتىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقىچە، ئارىلىقتىكى ھالقا دەل مەسىلىنى تونۇشتىن ئىبارەت. ئىدىيىدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەندىلا، ئاندىن مەسىلىنى توغرا تونۇغىلى، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ جاۋابىنى تاپقىلى بولىدۇ. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، مەسىلىلەرنى بايقاش، تونۇش ۋە ھەل قىلىشتىن ئايرىلىپ قالغاندا، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش ئۆزىنىڭ بارلىق ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ.

  ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنىڭ يېڭى يۈكسەكلىكىگە يۈرۈش قىلىشنى ئىلگىرى سۈرەيلى

  ئىدىيەدە ئازاد بولۇش ئەمەلىيەتتىن چەتنەپ قالايمىقان خىياللارنى قىلىش ئەمەس، بىردىنلا ۋۇجۇدقا چىقىرىش، بىر مېھنەت بىلەنلا مەڭگۈ راھەت كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس. يېڭى دەۋردە ئىدىيىدە ئازاد بولۇشتا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ، رېئال مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ۋە ھەل قىلىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنىڭ يېڭى يۈكسەكلىكىگە يۈرۈش قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر