باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

سىغدۇرۇشچان، ھەممە مەنپەئەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتايلى

__ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا-سانائەت مۇنبىرىدە سۆزلىگەن مۇھىم سۆزى توغرىسىدا (4)

2018.07.30 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەرەققىياتنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ھەممە مەنپەئەتلىنىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە تەرەققىي قىلدۇرغاندىلا، ئاندىن ئوخشىمىغان دۆلەتلەر، ئوخشىمىغان قاتلام، ئوخشىمىغان كىشىلەر توپىغا بەخت ياراتقىلى بولىدۇ.

  «سىغدۇرۇشچان، ھەممە مەنپەئەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىش»، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگتا ئۆتكۈزۈلگەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ سودا-سانائەت مۇنبىرىدە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇشۇ تەشەببۇسنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۆۋەتتە دۇنيا تەرەققىياتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق، يېتەرسىزلىك مەسىللىرىنى «جۇڭگو تەدبىرى» بىلەن تەمىنلەپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ سىجىل تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن كونكرېت يول كۆرسىتىپ بەردى.

  بۈگۈنكى دۇنيادا، ماددىي تېخنىكىنىڭ سەۋىيەسى قەدىمكىلەر ئويلاپ يېتەلمىگۈدەك دەرىجىگە يېتىپ باردى، بىراق تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭسىز بولۇش، يېتەرسىز بولۇش مەسىلىسى ھېلىھەم ساقلىنىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق خىرىسقا ئايلاندى. بىر تەرەپتىن، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ «جەنۇب-شىمال پەرقى» يەنىلا زور بولماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا، يەنە ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەرەققىيات پەرقى بار. خىرىسقا نىسبەتەن، يېڭىش-يېڭىلىنىشنى بەلگىلەپ، يەڭگۈچى ھەممىگە ئىگە بولىدىغان كونا قاراشتا بولۇپ، بىر-بىرىنى ئالدايدىغان، قوشنىسىغا ئورا كولايدىغان كونا يولنى ئىشلەتسە نەتىجىدە باشقىلارنىڭ ئىشىكىنى ئېتىپ، ئۆزىنىڭمۇ يولىنى توسۇپ، تەرەققىيات ئۇلىنى چىرىتىپ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىگە زىيان سالىدۇ. پەقەتلا ئىدىيەدە ئوچۇق ۋە سىغدۇرۇشچان، يۆنىلىشتە ئومۇمىي مەنپەئەتلىنىش ۋە تەڭپۇڭلۇق، ئۈنۈمدە تېخىمۇ ئادىل ۋە ئورتاق پايدا ئېلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتلىنىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن ئىنسانىيەت ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى شارائىتنى ياراتقاندىلا، ئاندىن تەرەققىيات نەتىجىسى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا پايدا يەتكۈزۈپ، ھەممە كىشىنى يېتەرلىك پاراغەتتىن بەھرىمەن قىلغىلى بولىدۇ.

  قانداق قىلىپ تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق، يېتەرسىزلىك مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىزچىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ 2015-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنىدا ماقۇللانغان 2030-يىللىق سىجىل تەرەققىيات كۈنتەرتىپى __ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇنىۋېرسال ھەرىكەت قوللانمىسى بىلەن تەمىنلىدى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا قارىتا، 2030-يىللىق كۈنتەرتىپنى ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن چوڭقۇر ماسلاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مۇھىت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش؛ ئادەم ۋە تەبىئەتنىڭ ئىناق ئورتاق مەۋجۇد بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ «پارىژ كېلىشىمى»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەبىئەتنى ھۆرمەت قىلىدىغان، تەبىئىيلىكنى سۆيىدىغان يېشىل ئېكولوگىيەلىك تەرەققىيات تۈزۈلمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش؛ خەلقئارالىق تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئەھدىنى ئىجرا قىلىش، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش-قوللاشنى كۈچەيتىشكە دەۋەت قىلىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا، بىز تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئۈچۈن يېڭى بوشلۇق يارىتىپ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر