باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى

2018.02.27 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى قىسمەن مەزمۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»دە، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ مۇجەسسەملەش ئاساسىدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى تولۇق ئىپادىلەپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى ۋە خەلقنىڭ ئىرادىسىنىڭ يۈكسەك بىرلىكىنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم رېئال ئەھمىيەت ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بىرىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈپ، پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنى دۆلەتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىگە ئايلاندۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ زۆرۈر تەلىپى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى.

  ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئومۇمىي نىزامنامىسى، پارتىيە ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى. ئېلىمىز ھازىر يولغا قويۇۋاتقان ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي مۇساپىسى، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بىر قاتار تۈزۈم، پىرىنسىپ ۋە قائىدىلەر بېكىتىلىپ، بېكىتىلگەن بىر قاتار مۇھىم سىياسەت-فاڭجېنلار ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە تۈپ مەنپەئەتىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇ دۆلىتىمىز ۋە خەلقنىڭ ھەر خىل قىيىنچىلىق، خەۋپ-خەتەرنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ، باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور نەتىجىلەر ئاساسىي قانۇننىڭ كاپالىتى ۋە تۈرتكىسىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەرنى ھەممىسىدە ئاساسىي قانۇن روھىنىڭ شانلىق نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر