مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ يى: تەيۋەن چوقۇم ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىدۇ!

2024.05.22 13:04 مەنبە: خەلق تورى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 2024-يىل 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا سۆز قىلغاندا، تەيۋەن مەسىلىسى توغرىسىدا جۇڭگونىڭ كەسكىن مەيدانىنى شەرھلىگەن.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنىڭ يادروسى، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى تەيۋەن بوغۇزى تىنچلىقىدىكى ئەڭ چوڭ بۇزغۇنچىلىق ئامىلى. لەي چىڭدې ئېقىمىدىكىلەرنىڭ مىللەت ۋە ئەجدادلارغا ئاسىيلىق قىلىشتەك رەزىل قىلمىشى كىشىنى بىزار قىلىدۇ. لېكىن ئۇلار ھەرقانچە قىينالسىمۇ، جۇڭگونىڭ ئاخىرى تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى، تەيۋەننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ. بارلىق «تەيۋەن مۇستەقىللىق» بۆلگۈنچىلىرى تارىخنىڭ ھاقارەت تۈۋرۈكىگە مىخلىنىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنى چىقىش قىلىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانى بويىچە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلدى، جۇڭگو بۇنى ئالقىشلايدۇ. كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ھەققانىي ئىشلىرىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ