دىڭ شۆشياڭ پاكىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

2024.05.16 14:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 15-ماي بېيجىڭدا پاكىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى دار بىلەن كۆرۈشتى.

  دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان ھەر ۋاقىتلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىرى ۋە «جان-جىگەر» قېرىنداشلار. رەئىس شى جىنپىڭ پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك كۆرسەتمە بەردى.جۇڭگو پاكىستان بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو ـ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ جۇڭگو ـ پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  دار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاكىستان جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پاكىستان-جۇڭگو ھەر ۋاقىتلىق، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ