شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن «جۇڭگو ـ رۇسىيە مەدەنىيەت يىلى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ھەم جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەخسۇس مەيدان مۇزىكا كېچىلىكىگە بىرلىكتە قاتناشتى ۋە تەبرىك سۆزى قىلدى

2024.05.17 15:24 مەنبە: خەلق تورى

  5 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بېيجىڭ دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسىدا «جۇڭگو ـ رۇسىيە مەدەنىيەت يىلى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ھەم جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەخسۇس مەيدان مۇزىكا كېچىلىكىگە بىرلىكتە قاتناشتى ۋە تەبرىك سۆزى قىلدى.

  شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە بىرلىكتە يىغىن مەيدانىغا كىرىپ كەلدى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن تەبرىك سۆزى قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىدىكى تۆتتىن ئۈچ ئەسىرلىك بوران ـ چاپقۇنلۇق مۇساپە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ مەڭگۈ ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ دوستانە ئۆتۈش، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسى ۋە دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ماس كېلىدىغان بولۇپ، تەڭداشسىز مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۆزئارا باش تېما يىلى ئۆتكۈزۈش جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتە ئالماشتۇرۇشىدىكى ئېسىل ئەنئەنە بولۇپ قالدى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى خاسلىق ۋە يارقىن نۇقتا بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. بۇلتۇر، مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن 2025 − 2024 يىللىق «جۇڭگو ـ رۇسىيە مەدەنىيەت يىلى» ئۆتكۈزۈشنى كېڭىشىپ بېكىتتۇق. بۈگۈن، ئىككى تەرەپ بۇ مەدەنىيەت كاتتا ئىشىنى رەسمىي باشلىدى. ئىككى تەرەپ بىر قاتار مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تۈرلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىپ، جۇڭگو ـ رۇسىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بۇ، جۇڭگو ـ رۇسىيە دوستلۇقىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ مىللەتلەر مۇزىكىلىرىنىڭ ھەممىسى دۇنيا مەدەنىيلىكى گۈلزارلىقىدىكى رەڭدار گۈللەر. بۈگۈن كەچتىكى بۇ مەيدان مۇزىكا كاتتا مەرىكىسى مۇقەررەر ھالدا جۇڭگو ـ رۇسىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتىكى قالتىس سەھىپە بولۇپ قالىدۇ. بىز «جۇڭگو ـ رۇسىيە مەدەنىيەت يىلى»نى پۇرسەت بىلىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىمىزنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە ھۆسن قوشۇپ، جۇڭگو ـ رۇسىيە دوستلۇقىنىڭ يېڭى، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى!

  پۇتىن تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئىجابىي باھاسىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. رۇسىيە ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقلىرى قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتىدۇ. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. رۇسىيە خەلقى جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن چىن قەلبىدىن خۇشال ۋە ئۇنىڭغا قايىل. رۇسىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 75 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبىلەر توپلاندى، ھازىر تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. رۇسىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىدا ئورنىتىلغان بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت ياراتتى، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. رۇسىيە ـ جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە «رۇسىيە ـ جۇڭگو مەدەنىيەت يىلى» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش مۇھىم سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە جۇڭگو ـ رۇسىيە ئىككى دۆلەت سەنئەتكارلىرى بىللە ئورۇنلىغان ئېسىل ئەدەبىيات ـ سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلاندى.

  جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى دوستانە زاتلاردىن تەخمىنەن 1000 كىشى قاتناشتى.

  سەي چى، ۋاڭ يى، شېن يىچىن قاتارلىقلار قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ