شى جىنپىڭ ساياھەت خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

زامانىۋى ساياھەتچىلىك سىستېمىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2024.05.20 09:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ساياھەت خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرىپ، يەرشارى بويىچە ئەڭ چوڭ دۆلەت ئىچى ساياھەت بازىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلقئارا ساياھەتچىلىكتىكى ئەڭ چوڭ ساياھەتچى مەنبەسى دۆلىتى ۋە ئاساسلىق مەنزىلگاھ بولۇپ قالدى، ساياھەتچىلىك كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، كۈنسېرى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپكە ۋە روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە خەلق تۇرمۇشى كەسپىگە، بەخت كەسپىگە ئايلىنىپ، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە جۇڭگو ساياھەتچىلىك تەرەققىيات يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىقتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىسقا يۈزلەندى. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، يۇغۇرما تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازار، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج، قوغداش بىلەن ئېچىش، دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارا، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، زامانىۋى ساياھەتچىلىك سىستېمىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ساياھەتچىلىكنى گۈزەل تۇرمۇشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەنىۋى ماكان بەرپا قىلىش، جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىش، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار خىزمەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  مەملىكەتلىك ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى شۇلېي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى بەرپا قىلىش، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە جۇڭگو ساياھەتچىلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك. ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، سىستېمىلىق پىلانلاش ۋە ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ئېكولوگىيە بايلىقىنى قوغداپ، تەمىنلەش سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا ساياھەتچىلىكتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى شېن يىچىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى، خۇنەن ئۆلكىسى، گۇيجوۋ ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، قىسمەن دۆلەت ئىلكىدىكى مۇھىم تايانچ كارخانىلار، ئالاقىدار مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپى جەمئىيەتلىرى، كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ