شى جىنپىڭ ئىران زۇڭتۇڭى لەيشىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلان ھادىسىسىدە بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىراننىڭ 1 - مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى موخبېرغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2024.05.21 15:51 مەنبە: خەلق تورى

  5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى لەيشىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلان ھادىسىسىدە بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىراننىڭ 1 - مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى موخبېرغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، 1 - مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ موخبېر، زۇڭتۇڭ لەيشىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ھەمدە ئىران ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ لەيشى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ئىراننىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، يەنە جۇڭگو - ئىران ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئۇنىڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىشى ئىران خەلقى ئۈچۈن غايەت زور يوقىتىش بولدى، جۇڭگو خەلقىمۇ بىر ياخشى دوستىدىن ئايرىلىپ قالدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ، ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا جۇڭگو - ئىران ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى چوقۇم ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە راۋاجلىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ